• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەگەر بىرلەشمە نورمال ئاخىرلاشمىسا گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن 13 كۇلۇب ۋەيران بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:55 07-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يۇقۇم ئەھۋالى بەلكىم گېرمانىيە كوماندىلىرىغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، گېرمانىيە پۇتبول تاراتقۇسى «توپ تەپكۈچى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغىلى بولمىسا، گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن جەمئىي 36 كوماندا ئىچىدە 13 كوماندا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ۋەيران بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقە جەمئىيىتى (DFL) گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن جەمئىي 36 كوماندا ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان. «توپ تەپكۈچى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن جەمئىي 36 كوماندا ئىچىدە 13 كوماندا ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.


    «توپ تەپكۈچى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىشىچە، ئەگەر مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمە داۋاملاشمىسا، ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھەققىگە ئېرىشەلمىسە، ئۇنداقتا گېرمانىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن يەتتە كۇلۇب چوقۇم 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى كوماندا 6-ئايدا ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىدىكەن. يەنە گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن تۆت كوماندىنىڭمۇ ۋەيران بولۇش خەۋپ-خەتىرى بار ئىكەن.

    يۇقۇم مەزگىلىدە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كوماندا خادىملىرى پەقەت قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى قوللىنىپ، كۇلۇبمۇ بۇ ئارقىلىق چىقىمنى تېجىدى.

    گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقە جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى يىغىندا، (DFL)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناۋادا بىرەر كۇلۇب ۋەيران بولسا، ئۇنداقتا توققۇز نومۇر تارتىلىدىغان بەلگىلىمىنى بۇ مۇسابىقە پەسلى يولغا قويمايدىغانلىقىنى، ئەگەر كېيىنكى مۇسابىقە پەسلى ۋەيران بولىدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، ئۇنداقتا توققۇز نومۇر تارتىشنى ئۈچ نومۇرغا تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى