• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ: Exynos 990 بىلەن سناپدراگون 865نىڭ ئىقتىدارىدا پەرق يوق

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:16 05-04-2020
    تەھرىر : ئىلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھازىر سامسۇڭ Exynos 990 بىلەن سناپدراگون 865 ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىدار پەرقى ھەققىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىش بولۇۋاتىدۇ. IT ئائىلىسى تورىنىڭ بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابۇنتلار بىر پارچە ئىلتىماس خېتى يوللاپ، سامسۇڭ شىركىتىدىن Exynos بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە Exynosنىڭ ئىقتىدارى سناپدراگون بىر تەرەپ قىلغۇچقا يەتمەيدىكەن.

    چەتئەل تاراتقۇسى SamMobileنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ ئۆزەك تارمىقى كورېيە بازىرىدىكى Galaxy S20 يانفونىغا Exynos 990 ئەمەس، بەلكى سناپدراگون 865نى ئىشلىتىش قارارى «ھاقارەت قىلىش»قا ئۇچرىغان. بۈگۈن سامسۇڭ SamMobileغا بايانات ئېلان قىلىپ، Exynos 990نىڭ ئىقتىدارى سناپدراگون 865 بىلەن تەڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    سامسۇڭ ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «Galaxy S20 قايتا لايىھەلەنگەن ئەقلىيفون، سىزنىڭ دۇنيانى ھېس قىلىش شەكلىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، شۇنداقلا رايوننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، Galaxy S20غا Exynos 990 ياكى سناپدراگون 865 سەپلىنىدۇ. Exynos بىلەن سناپدراگون بىر تەرەپ قىلغۇچ ئوخشاش قاتتىق ئۆلچەمگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئىشلەپچىقىرىلغان، قاتتىق ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن، ئەقلىيفوننى پۈتكۈل ھاياتى دەۋرى ئىچىدە بىردەكلىككە ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەيدۇ. »

    سامسۇڭنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، Exynos بىلەن سناپدراگون بىر تەرەپ قىلغۇچ ئوخشاش سىناق لايىھەسىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىقتىدارى «بىردەك» ئىكەن، ئەمما بۇ نېمىلا دېگەن بىلەن پەقەت سامسۇڭنىڭ گېپى، نۇرغۇن ئابۇنتلار ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ناتايىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى