• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھازىرچە ئارقىغا سۈرۈلمەيدۇ! شىنجاڭدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا ئەقىل كۆرسەتتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:59 29-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئارقىغا سۈرۈشنى ھازىرچە ئويلاشمىغانلىقىنى كۆپ قىتىم تىلغا ئالدى، ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى 100 نەچچە كۈن ئىچىدە، ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا روھى ھالىتىنى ياخشى ساقلاپ، ئەڭ ئاخىرىقى كۈچىنى چىقىرالايدۇ؟


      كۈندىلىك ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم


      2-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى توردا دەرس ئوقۇشنى باشلىدى، ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەر تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەپتىلىك دەرس جەدىۋىلى تۈزدى، ئوقۇتقۇچىلار دەرس جەدىۋىلى بويىچە دەرس ئۆتتى.


    «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، توردا ئوقۇتۇش دەرس جەدىۋىلى ئادەتتە دەرسخانىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرگە ماس ھالدا تۈزۈلدى، مەكتەپلەرنىڭ توردا ئوقۇتۇش سۈرئىتى، مۇھىم نۇقتىسى، پىلانى، دەرسلىك ئوقۇتۇش دېتالى، تاپشۇرۇقى، ئىمتىھان قەغىزى ئادەتتە دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش بىلەن ئوخشاش. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەكرار قىلىش سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكرار قىلىش باسقۇچىغا كىردى» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى خۇاڭ شا.


    «ئائىلىدە ئۆگىنىش قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆگىنىش پىلانى بېكىتىپ، نىشانىنى تولۇق ئورۇنداپ مېڭىشى كېرەك.» خۇاڭ شا ئوقۇغۇچىلارغا ھەر كۈنى ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشى، شۇنداقلا مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تەرتىپلىك تاماملاپ، شۇ كۈندىكى ئىشنى شۇ كۈنى تۈگىتىشى، ئارقىغا سوزماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.


    «ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ۋاقىت بىردىنلا ئازايدى، مەكتەپ مۇھىتى ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ تەسىرى يوق ئەھۋالدا، ئۆزىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيە، ئۆزىمىزگە قويغان تەلەپ ناھايىتى مۇھىم. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ، توردا ئۆگىنىش بىلەن ئادەتتىكى ئۆگىنىشنى مۇۋاپىق پىلانلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇنقى ۋاقىت كەڭتاشا، بۇ ۋاقىتقا كىتاب ئوقۇش، تېكىست يادلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرستىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرگۈزسە بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ جيې.


    «مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن تىرىشىمەن» دېگەن ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاش


      تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقنىڭ تەكرار قىلىش ھالقىسى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ئەمما توردا ئوقۇتۇش ۋە تەكرار قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەندە پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىدۇ.


      خۇاڭ شا مۇنداق دېدى: گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى «ئوخشاش ئېكران»غا يۈزلىنىپ، «ئوخشاش باشلىنىش نۇقتىسى»دا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بەزى ساۋاقداشلارنىڭ ئاڭلىقلىقى يۇقىرى بولمىغاچقا، مۇئەللىمنىڭ نازارىتى يوق ئەھۋالدا تەكرار قىلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.


      خۇاڭ شا ئوقۇغۇچىلارنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقلىرىنىڭ تەكرار قىلىش ۋاقتى ناھايىتى جىددىي، مەكتەپكە قايتىپ تەكرار قىلغان ھالەتتىمۇ، قىسمەن بىلىم مەزمۇنلىرى قايتا سۆزلەنمەيدۇ، شۇڭا، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار «مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن تىرىشىمەن» دېگەن ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، تىرىشىشنى ھازىردىن باشلىشى كېرەك.


    «تەكرار قىلىشنىڭ مەيدانى ئۆزگەرگەن بىلەن، تەكرار قىلىدىغان يادرولۇق مەزمۇندا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، تىرىشىپ ئۆگىنىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئىزچىللىقنى ساقلاش غەلبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دېدى جاۋ جيې ئوقۇغۇچىلارغا تەكلىپ بېرىپ.


      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 3-يىللىقلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ يۇڭجياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ دەرس باشلاش ۋە دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىغا ئاساسەن، يان تېلېفون قوڭغۇرىقىنى تەڭشەپ قويۇپ، ئۆزىگە دەرس ئوقۇش مۇھىتى يارىتىپ، مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ھالىتىنى ساقلىسا بولىدۇ.


       ھەر بىر يۈرۈش تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئالىنى ھەقىقىي ئىمتىھانغا قاتناشقان ھالەتتە ئىشلەش


      مەكتەپتىكى ۋاقىتتا، ھەر ھەپتىدىكى مۇقىم ۋاقىتتا تەقلىدىي ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان جەريانى بىلەن تونۇشتۇرۇش، بىلىم نۇقتىسىدىكى بىلمىگەن يۇچۇقلارنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش روھى ھالىتىنى چېنىقتۇرۇش، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت.


      خۇاڭ شا مۇنداق دېدى: توردا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپ تەقلىدىي ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئىمتىھان مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش روھى ھالىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەگەر ئىمتىھاندىن بۇرۇن «بەدەن قىزدۇرۇش» يېتەرلىك بولماي، ۋاقتى كەلگەندە بىۋاسىتە ئىمتىھانغا قاتناشقاندا، مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىدە ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا تەقلىدىي ئىمتىھاندىكى ھەر بىر يۈرۈش سىناق سۇئالىنى ھە