• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    پۇتىنمۇ يىراق مۇساپىلىك ئىش بېجىرىشكە باشلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:17 05-04-2020
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇ بىر قانچە كۈندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۈنىگە نەچچە يۈز بىمار كۆپىيىش سۈرئىتىدە رۇسىيەدە يامراشقا باشلىدى. «رۇسىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، پۇتىن سىن ئارقىلىق ھۆكۈمەت يىغىنى ئاچقان. خەۋەردە پۇتىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ خىل يىراق مۇساپىلىك خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى قارار قىلىش نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدىن بولدى.


    «بىز ھەر كۈنى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بىلەن نەچچە قېتىم ئۇچرىشىمىز. بىز بۇ خىل يىراق مۇساپىلىك خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىن ئارقىلىق يىغىن ئاچتۇق، چۈنكى نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتى بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى». «رۇسىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن يىغىندا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىشىنىمەنكى، يىراق مۇساپىلىك خىزمەت بىزنىڭ ئورتاق تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئۈنۈمىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ». رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە ئاگېنتلىقى مۇنۇلارغا دىققىتىنى ئاغدۇرغان: كىرېمل سارىيى ئورگان تورى ئېلان قىلغان سۈرەتكە ئاساسلانغاندا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان بىر بوتۇلكا 4-ئاينىڭ 1-كۈنى پۇتىننىڭ موسكۋا شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان سارىيىدىكى ئىش بېجىرىش ئۈستىلىدە پەيدا بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىغا سۈرەتتە ھەقىقەتەن بىر بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بارلىقىنى دەلىللىگەن.

    يېقىندا رۇسىيە تاراتقۇلىرى موسكۋادىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا - «كومناركا» داۋالاش مەركىزىنىڭ باش ۋىراچى پروتسېنكونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ دوختۇرخانىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئۇنى دەل پروتسېنكو كۈتۈۋالغان. بۇ ئىش تىلغا ئېلىنغاندا پېسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇتىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، «ھازىر ھەممە ئىشلار نورمال».رۇسىيە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 24 سائەتتە، رۇسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار 440 كە يەتكەن، مەملىكەت بويىچە 2777 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. يېڭىدىن كۆپەيگەن 440 بىمار رۇسىيەنىڭ 35 رايونىغا تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە موسكۋا شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 267 گە يەتكەن.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/cYEOsWnl5SPlss4Y6YIXqQ


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى