• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاچ ئىنسانلار يەپ نەسلىنى قۇرتىۋەتكەن بەش خىل ھايۋان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:36 26-03-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ بىرمۇنچىسىنى ئىسنانلار يەپ ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتكەن .تۈۋەندە بىز بۇ ھايۋانلارنىڭ قايسى ھايۋان ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ باقايلى .

    چوڭ دېڭىز قۇشقىچى

    پىنگۋىنغا ئوخشايدىغان بىر خىل قۇش بار ، ئۇ دېڭىز قۇشقىچى دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ پىنگۋىنغا ئوخشاش ئۇچۇش ئىقتىدارى يوق ، ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن ئاستا ، پەقەت سۇ يۈزىدە تىز سۈرئەتتەشۇڭغۇيالايدۇ ، سۇغا شۇڭغۇغاندىن كېيىن سۇ ئۈزۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ، دېڭىز قۇشقىچى توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان بولۇپ ، دائىم يۈزدىن ئارتۇق توپلىشىپ ياشايدۇ ئۇلارنىڭ كۈشەندىسى ناھايىتى ئاز بولۇپ ، ئەسلىدە غەم - ئەندىشىسىز تۇرمۇش كەچۈرەتتى ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن يەنىلا قېچىپ قۇتۇلاممىدى ، بۇ خىل جانلىق ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ئىنسانلار دېڭىز قۇشقىچىنىڭ پەيلىرىدىن شەپكە ۋە ماتراس ياسىغىلى بولدىغانلىقىنى ئۇنىڭ گۆشى ۋە تۇخۇمنىڭ ناھايىتى مەززىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن بۇ تۈرنىڭ ناھايىتى تىزلا نەسلى قۇرۇپ كەتتى .


    تاغىل ئېشەكنىڭ گۆشى بەك يېيىشلىك بولغاچقا ،شۇڭا تاغىل ئېشەك ئافرىقىلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئوۋلاش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن ، 19 - ئەسىرگە كەلگەندە ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئافرىقىغا يېتىپ كىلىشى تاغىل ئېشەكنىڭ ھاياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ تاغىل ئېشەكنىڭ چىرايلىق تېرىسىگەكۈزى چۇشىدۇ،شۇنداقلا تاغىل ئىشەكنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ تېرىسىنى ئېلىشقا باشلايدۇ .

    ئادەتتە تاغىل ئىشەكنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 . 2 مېتىر ، قۇيرۇقى 1 مېتىر ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن400 كىلوگرام كېلىدۇ . جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر خىل ھايۋان بولۇپ ، ئالدىنقى يېرىمى تاغىل ئاتقا ، كېيىنكى يېرىمى ئاتقا ئوخشايدۇ بۇ ھايۋاننىڭ 1883-يىلى نەسلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن .

    جۇڭگۇ كەركىدانى

    كەركىدان مۈڭگۈزى بىر خىل ئىنتايىن قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولۇپ ،ئۇنىڭ تېرە ۋە قېنىنىمۇ دورا قىلىشقا بولىدۇ ، كەركىداننىڭ پۈتۈن بەدىنى گۆھەر بولغاچقا ، ئۇنىڭ يوقىلىشىمۇ تەبىلا ئىنتايىن تىز بولغان .

    جۇڭگودا ئەسلىدە ئۈچ خىل كەركىدان بار ئىدى .بۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا چوڭ مۈڭگۈزلۈك كەركىدان ،كىچىك مۈڭگۈزلۈك كەركىدان ۋە قوش مۈڭگۈزلۈك كەركىدان ئىدى بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا كەركىداننىڭ ئىككى كەنجى تۈرى ۋە سۇماترا كەركىدانىنىڭ بۇ كەنجى تۈرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىلا ئەمەس ، بەلكى دۇنيادىنمۇ يوقالغان .
    1916-يىلى ئەڭ ئاخىرقى قوش مۈڭگۈزلۇك كەركىدان يەنى سوماتىرا كەركىدانى ئۆلتۈرلۈپ نەسلى قۇرغان .
    1920-يىلى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ مۈڭگۈزلۈك كەركىدان يەنى ھىندىستان كەركىدانى ئۆلتۈرلىپ نەسلى قۇرغان .
    1922-يىلى كىچىك تاق مۈڭگۈزلۈك كەركىدان يەنى ياۋا كەركىدان ئۆلتۈرلۈپ نەسلى قۇرغان

    دودو قۇشى

    دودو قۇشى ماۋرىتىئۇس ئارىلىدىكى بىر خىل ئۇچالمايدىغان قۇش بولۇپ ، مىجەزى مۇلايىم ھەم كالامپاي ، ئاۋازى « دودو » دەپ چىققانلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئۇنىڭغا دودو قۇشى دەپ ئىسىم قويۇلغان ، ئۇلارنىڭ كۈشەندىسى ناھايىتى كۆپ ، ھەتتا چوشقا ، ئىت ، چاشقانلارمۇ ئۇلارنىڭ كۈشەندىسى ، ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى يەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى قوشۇلۇپ ، بۇ خىل قۇش بايقىلىپ 200 يىل ئىچىدىلا يەنى 1681-يىلى بۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن .

    سىترا دىڭىز كالىسى
    1971-يىلى ئىنسانلار بېرنىگ بوغىزىدىن يىڭى بىر تۈرنى يەنى چوڭ دېڭىز كالسىنى بايقىغان ،1768يىلغا كەلگەندە يەنى ئىنسانلار بۇ ھايۋاننى بايقاپ 27يىل بولغاندا بۇ ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ،چوڭ دىڭىز كالىسىنىڭ بەدەن ئۈزۈنلىقى7مىتىر ئەتىراپىدائۇلارنىڭ مىجەزى ئىنتايىن مۇلايىم بۇلۇپ دائىم توپ -توپ بۇلۇپ ئۇزۇقلۇق ئىزدەيدىكەن ،دەسلەپتە بېرنىگ بوغىزىدىكى چوڭ دىڭىز كالىسىنىڭ سانى ناھايى كۆپ بولسىمۇ ،لىكىن ئەھۋالدا ناھايتى تىزلا ئۆزگىرىش يۈزبەرگەن ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنى ئوۋلاپ يىمەكلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن قىسقىغىنا 27يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ تۈككەن .


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى