• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:34 02-03-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىكى بىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندا تېببىي خادىملار بىلەن خوشلاشتى.


    (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)


    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە ئون ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى، ئالتىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى، ئۈچى بىڭتۇەن 4 - شىسىدىكى ئاغرىق مىسالى.


    بۇ ئون ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يەتتى دەپ قارالدى.


    ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 62گە يەتتى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن 11ى بار.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2020/03/01/036124512.shtml


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى