• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نوكىيا 5310 Xpress مۇزىكا يانفونىنىڭ 2020-يىللىق تىرىلگەن نۇسخىسى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:49 01-03-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سىلەر HMD شىركىتىنىڭ MWC 2020دە نوكىيانىڭ ئىقتىدارلىق مەلۇم بىر يانفونىنى تىرىلدۈرۈش ئويى بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نوكىيا 5310 Xpress Music مۇزىكا يانفونى بۇ يىل «تىرىلدۈرۈلۈپ» قايتا ئېلان قىلىنىدىكەن. لېكىن MWC 2020 پائالىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن HMDمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ يېڭى نوكىيا يانفونىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن.


    ئەينى يىلىدىكى نوكىيا 5310 Xpress مۇزىكا يانفونى


    ئىگىلىشىمىزچە، نوكىيانىڭ بۇ يېڭى تىرىلگەن يانفونى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈسكۈنە دەلىللەش مەركىزى تورىغا چىققان بولۇپ، تىپ نومۇرى TA-1212 بولغان بۇ يېڭى ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ «گۇۋاھنامە سۈرىتى» نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان.


    سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يېڭى يانفوننىڭ چوڭلۇقى 123.8×52.4×13.1 مىللىمېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 88 گىرام ئىكەن. ئۇنىڭغا يەنە پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 240×320 پىكسېلغا يېتىدىغان 2.4 ديۇملۇق QVGA ئېكرانى سەپلىنىدىغان بولۇپ، 1200 مىللىئامپېرلىق باتارېيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئىچكى سىغىمى بولسا 8MG بولىدىكەن، ساقلاش بوشلۇقىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 32GBلىق ساقلاش كارتىسى سېلىش ئارقىلىق كېڭەيتكىلى بولىدىكەن. يانفون ئېكرانىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە قىزىل رامكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يەنە ئالدى قىسمىغا چوڭ تىپتىكى ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.

    ئەينى ۋاقىتتىكى نوكىيا 5310 Xpress مۇزىكا يانفونىنى ئەسلەپ باقساق، بۇ يانفون 2007-يىلى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، S40نىڭ بەشىنچى ئەۋلاد سىستېما سۇپىسى سەپلەنگەن، 240×320 پىكسېللىق 16 مىليون رەڭلىك TFT رەڭلىك ئېكرانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ قىزىق رەڭلىك، كۆك رەڭلىك، ھال رەڭلىك، قارا رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك(ئاپېلسىن رەڭلىك) ۋە كۈمۈش رەڭلىك نۇسخىلىرى بار. مۇزىكا كۇنۇپكىسىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ تېز ھەم قولايلىق پەيتتە ياقتۇرىدىغان مۇزىكىلىرىمىزنى تاللىيالايمىز، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4GBلىق ساقلاش كارتىسى ئارقىلىق يانفون سىغىمىنى كېڭەيتەلەيمىز.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى