• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەر! يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى «يالتىراق يېشىل رەڭ» كىشىلەرنى چەكسىز خاتىرجەم قىلدى...

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:52 15-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان

      بۇنداق بىر توپ كىشى

      يۇقۇمغا قارشى جەڭدە قىلچە چېكىنمىدى

      ئۇلار مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى

      ئۇلار دەل

      شىنجاڭدىكى بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى


     كۈندۈزلىرى، ئۇلار باشتىن-ئاخىر ئاپتوموبىل ئېقىمىنى كېزىپ يۈرۈپ

      يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى


    كەچلىرى، كۆپچىلىك ئۇيقۇغا غەرق بولغاندا

      ئۇلار يەنىلا قەھرىتان سوغۇقتىكى قىش كېچىسىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ


      ئۇلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق

      خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساداقەتمەنلىك ۋە زىممىسىگە ئېلىشنى جانلىق شەرھلىمەكتە

    ئاسانبېك سىماش

       ئاسانبېك سىماش بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇ بورتالا شەھىرى چىڭدېلى كوچىسىدىكى بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلدى، ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە دوختۇرخانا ئىشىكى ئالدىدا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالماسلىققا، يېشىل يول ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


    ئەنۋەر جۈرئەت

       ئەنۋەر جۈرئەت ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى شەرقىي شەھەر ئايلانما چوڭ ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇدا 15 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان ئۇ قولىغا ئالغان مانتىنى يەپ بولالمايلا ئۇخلاپ قالدى.


    ئىلھام ياسىن

       ئىلھام ياسىن قەشقەر شەھىرى مىڭيۈ يولى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى پىدائىيلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.


    لى خۇي

       لى خۇي چاغانتوقاي ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى، سۈرەتتە: ئۇ چۆچەك ۋوگزالىغا بېرىپ يۇرتىغا قايتقان ئاممىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.


    باتۇبايىر

       باتۇبايىر شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى. 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇ خىزمەتدىشى، خېجىڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى ما خۇيزى بىلەن بىللە، خېجىڭ ناھىيەسى خۇەنچېڭنەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا شەھەردىن چىققان ئاپتوموبىل، كىشىلەرنى تەكشۈرمەكتە.


    نايىنتا

       نايىنتا بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇ S305 لىنىيەسىنىڭ قوش ئۆگۈز تەكشۈرۈش پونكىتىدا بورتالا شەھىرىگە كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئادەم، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا مەسئۇل بولدى.


    توقتاسىن مۇقان

      توقتاسىن مۇقان جىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى. ئۇ جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-غۇلجا يولىدىكى يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماسكا تاقىمىغان شوپۇرلارغا ھەقسىز ماسكا تارقىتىپ بەردى ھەمدە شوپۇرلارغا قانداق قىلغاندا ماسكىنى توغرا تاقىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى، ئۇ يەنە يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلدى.

    ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى «قارشى يۆلىنىشتە يۈرگۈچى» لەر

      تىنچ، خاتىرجەم يىللارنىڭ «قوغدىغۇچى» لىرى

      بۇ ئىس-تۈتەكسىز «يۇقۇم» غا قارشى جەڭدە

      ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ

      ئامما ئۈچۈن قاتار-قاتار پولاتتەك مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلدى

    (يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى تەمىنلىگەن)


    مەنبەسى http://uy.ts.cn/system/2020/02/12/036088873.shtml

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى