• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بىر تەرەپ ئاغرىق ھالدا ئاجرىشىشقا بولامدۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 22:56 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەگەر بىر تەرەپ ئاغرىق ھالەتتە يەنە بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولامدۇ؟

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆيلىنىش قانۇنى»دا ئەر-ئايالنىڭ ئۆز-ئارا بېقىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەنگەن، بولۇپمۇ بىر تەرەپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش شەرتى ئاستىدا، قارشى تەرەپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، سىلەر قوشۇلمىساڭلار بولىدۇ، ئەگەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولسا، قارشى تەرەپتىن بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

    قانداق ئەھۋالدا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ؟

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆيلىنىش قانۇنى»نىڭ 32-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا «ئەگەر ھېسسىيات ھەقىقەتەن بۇزۇلسا، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا ئەر-ئاياللىق ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقەتەن بۇزۇلغانلىقىنى قانداق بېكىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە كونكرېت پىكرى»دە خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ئەر-ئاياللىق ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقەتەن بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىنى ئەر-ئايالنىڭ ئاجرىشىش-ئاجراشماسلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشى كېرەك. ئەر-ئاياللىق ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقەتەن بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، مۇھەببەت ئاساسى، ھېسسىيات، ئاجرىشىش سەۋەبى، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە يارىشىش ئېھتىماللىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆيلىنىش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە سودىيەنىڭ سوت قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى قەتئىي تەلەپ قىلسا، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، قانۇن بويىچە ئاجرىشىشقا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.

    1. بىر تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆيلىنىش مەنئى قىلىنغان كىسەلگە گىرىپتار بولسا ياكى بىر تەرەپنىڭ فىزىئولوگىيەلىك كەمتۈكلىكى بولسا ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارالمىسا، داۋالاپ ساقايتالمىسا؛

    2. تويدىن بۇرۇن چۈشىنىش كەمچىل بولۇپ، يېنىكلىك بىلەن توي قىلىپ، ئەر-ئاياللىق مېھىر-مۇھەببىتى ئورنىتىلمىغان، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش قىيىن بولسا؛

    3. ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرى روھىي كىسەلنى يوشۇرۇپ، داۋالاشتىن كېيىن ساقايمىغان ياكى ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ روھىي كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ياكى بىر تەرەپ ئەر-ئايال بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە روھىي كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇزاققىچە ساقايمىسا؛

    4. بىر تەرەپ قارشى تەرەپنى ئالداپ ياكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقاندا ساختىپەزلىك قىلىپ، «ئۆيلىنىش خېتى»نى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛

    5. ئىككى تەرەپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقاندىن كېيىن تۇرمۇش كەچۈرمىگەن، يارىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان بولسا؛

    6. چات كېرىۋالغان، ئۆيلىنىش سودىسى قىلغان بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى كۆپ يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ئەر-ئاياللىق مېھرى ئورنىتىلمىغان بولسا؛

    7. چىقىشالمىغىنىغا ئۈچ يىل توشقان، يارىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، يەنە بىر يىل ئايرىلىپ تۇرۇپ، ئەر-ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا؛

    8. بىر تەرەپ باشقىلار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، تەربىيە بېرىلسىمۇ يەنىلا تۈزىتىش ئىپادىسى بولمىسا، سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا، قارشى تەرەپ ئاجرىشىشقا قوشۇلمىسا، تەنقىد-تەربىيە بېرىلسە، چارە كۆرۈلسە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا، ھەقىقەتەن يارىشىپ قېلىش ئېھتىمالى بولمىسا؛

    9. بىر تەرەپ قوش ئۆيلىنىپ، قارشى تەرەپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسا؛

    10. بىر تەرەپتە راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، قىمار ئويناش قاتارلىق يامان ئادەتلەر بولۇپ، ئائىلە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە، ئەر-ئايال بىللە تۇرمۇش كەچۈرەلمىسە؛

    11. بىر تەرەپكە قانۇن بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى، جىنايى قىلمىشى ئەر-ئاياللىق ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛

    12. بىر تەرەپنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە ئىككى يىل توشۇپ، ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن ئىز-دېرىكى بولمىغان ئەھۋالدا، قارشى تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولسا؛

    13. قارشى تەرەپنىڭ خورلىشى، خورلىشىغا ئۇچرىغان ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خورلىغان، تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەن ئەھۋالدا، يەنە بىر تەرەپ ئەپۇ قىلمىغان بولسا؛

    14. باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلغان بولسا؛

    يۇقىرىقىلار قانۇن ساۋاتلىرى كۆپچىلىككە رەتلەپ بەرگەن ئالاقىدار ماتېرىياللار. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بىز ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئاجرىشىش دېلولىرىدا مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر بارلىقىنى، ئادەتتە كېلىشىم ئارقىلىق ئاجرىشىشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا، ئاندىن دەۋا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى