• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىككى مىنىستىرلىق: پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 22:50 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر ۋاڭ يۈشىياۋ، چېن ۋېيۋېي): مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىگىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلىكتە «پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغان مەزگىلىدىكى تىجارەت مۇلازىمىتى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسى»نى تارقىتىپ، ئالاقىدار كارخانا خادىملىرى، سورۇنلار، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر، تاۋار، تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە تىجارەت مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا تەلەپ قويۇلغان.

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسىغا ئاساسەن، كارخانىلار ئىش ئورنىغا چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە تىزىملاپ، يۇقۇم يۈز بەرگەن رايونلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈش تارىخى، ساياھەت قىلىش تارىخى بار ۋە كېسەللىك بىلەن زىچ ئۇچراشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ۋاقتىنچە ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىكى؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى تىجارەت سورۇنىغا كىرىشتىن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە قولىنى يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك، ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە ئايرىپ كۆزىتىش ياكى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ھەر ۋاقىت ماسكا تاقىشى كېرەك؛ بارلىق سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە كىرگەن ئىستېمالچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قوللانمىسىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئامال بار مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى بىلەن تەمىنلەش، شارائىتى بار كارخانىلار جۈمەكنى ئاپتوماتىك جۈمەككە ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ خېرىدارلارنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپ بولغان جايلارنى مەسىلەن: كارىدور، لىفىت، تۇتقۇچ، ھاجەتخانا قاتارلىق جايلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك؛ تور سۇپىسىدا سىرتقا سېتىش مۇلازىمىتى ۋە سىرتقا سېتىش كۆزنىكىنى كۆپەيتىش؛ تېز يەتكۈزۈش سۇپىسى «ئۇچراشماي يەتكۈزۈش» مەشغۇلات قائىدىسىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

    بۇنىڭدىن سىرت، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلىكتە «تۇرمۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، جايلاردىكى سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلىرىدىن سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش، تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش، تاۋار باشقۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى