• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭنىڭ 3- تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى، «بىز بار، خاتىرجەم بولۇڭلار!»

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 22:33 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ جىڭيەن، ياڭ گۇاڭ فوتوسى، خەۋىرى): بۇرغا چېلىنىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باستى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭنىڭ 33- تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋۇخەنگە يۈرۈش قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 142 نەپەر تېببىي خادىم بىر نەچچە كۈن تەييار تۇرغاندىن كېيىن، بىرىنچى سەپكە بېرىپ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشقا رەسمىي ئاتلاندى، بۇ قېتىم ئالاھىدە تەشكىللەنگەن ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش گۇرۇپپىسى بىرىنچى سەپتە جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالايدۇ. ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز يۇقۇمنى توسۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قوغدايمىز! بىز بار، خاتىرجەم بولۇڭلار!»

    2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا، ۋۇخەنگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىش تەييارلىقى قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ياڭ گۇاڭ فوتوسى

      1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەر ۋاقىت يولغا چىقىشقا بۇيرۇق كۈتتى. «شۇ كۈنى كەچ سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بىز دوختۇرخانىنىڭ OA سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى 1600دىن ئارتۇق تېببىي خادىمغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۇقتۇردۇق، سائەت 24كىچە، جەمئىي 1030دىن ئارتۇق ئادەم تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاللاش ئارقىلىق 142 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتى قۇرۇپ، ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرى 78 نەپەر بولۇپ، %55ىنى ئىگىلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گې شياۋخۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىم دوختۇرخانا «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە باش ياچېيكىسى» قۇرغان بولۇپ، يەتتە ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى تەسىس قىلغان، ئۇلار بۇ كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى بىلەن خىزمەت تايانچلىرىنى باشلاپ بىرىنچى سەپتە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.


    2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدىكى ئەر سېستىرالار ئايرودرومغا بارىدىغان ئاپتوبۇستا. ياڭ گۇاڭ فوتوسى

      «بىز ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىمىز بار، ئەر سېستىرالار يەنە جىسمانىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، بىرىنچى سەپتە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. بىز شىنجاڭلىق ئوغۇل بالىلار، ۋۇخەن، بىز كەلدۇق!» يولغا چىقىش ئاپتوبۇسىدا ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدىكى بەش-ئالتە ئەر سېستىرا كۆتۈرەڭگۈ ئىرادە بىلەن شۇنداق دېدى. بۇ قېتىم ئېغىر كېسەللەر گۇرۇپپىسى سېستىرالار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقى ۋاڭ سەيخۇڭ 2019-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇپ باھالانغان، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولغان دادىسى ئۇنىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئىنتايىن قوللايدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا شان-شەرەپ بەردى، قىيىنچىلىق مەزگىلىدە مەن چوقۇم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن.»


    2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانى ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. سۈرەتنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تەمىنلىگەن.

      سائەت 16دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قورۇسىدا جەڭگە ئاتلىنىدىغان قوشۇن قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ئاستىغا تىزىلدى، «تىنچ-ئامان قايتىپ كېلىڭلار!» «ۋۇخەن غەيرەت قىل!» دېگەن ئۇزىتىش سادالىرى ئىچىدە بەخت تىلەشلەر ئۈزۈلمىدى، قەھرىمان قوشۇن سەمىمىي ھېسسىيات ئىچىدە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

      سائەت 19دا، 142نەپەر ئەترەت ئەزاسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خۇبېيغا بولغان سەمىمىي قەلبىنى ئېلىپ، خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى