• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    داۋالاش خادىملىرىغا تەھدىت سالغانلارغا مۇنداق جازا بېرىلىدۇ

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 01:39 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئېلىمىزنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال قانۇن. 2017- يىلى 12- ئايدىن بۇيان، بۇ قانۇن لايىھەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم قاراپ چىقىلىپ، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى، ئاخىرىدا دۆلەت قانۇنى شەكلىدە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەت قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىشتىكى مەقسەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ ئاساس ئۇنىڭدا ئاساسىي داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ كاپالىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى قاتارلىق بىر قانچە بۆلەك كونكىرېت قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي ئاممىۋىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈش يېڭى ئىدىيەسى نامايەن قىلىنغان، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىققا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە قانۇن چىقىرىش تەپەككۇر يولى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

    دوختۇرخانا جېدەلخورلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقىشىغا قارىتا بۇ قانۇندا: سەھىيە خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھۆرمەت قىلىشى، ياخشى، بىخەتەر داۋالىشى، سەھىيە مۇلازىمەت تەرتىپىنى ساقلىشى، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، كىشىلىك ئىززىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى ۋە زىيان سېلىشى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ سورۇنى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ ۋە زىيان سېلىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرىنى قانۇنسىز يىغىپ، ئىشلىتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ ۋە يەتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئۇچۇرىنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىپ، كۆرسىتىپ ياكى ئاشكارىلاپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

    مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇندا ئاساسلىقى كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، خەلقچىللىق، جامائەت پاراۋانلىقى پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىز ئاساسلىقى خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى چۆرىدەپ، قانداق قىلغاندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ كېسىلىنى ئاز پۇل خەجلەپ كۆپرەك داۋالاشنى، ساغلاملىق ساھەسىنى نوقۇل بازار ئىگىلىكى ساھەسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلماي بەلكى، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى ئويلاشتۇق.

    خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، مەسىلەن، كېسەل كۆرۈش ھەققى يۇقىرى بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، داۋالاش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا كۆرۈلگەن بەزى قانۇنسىز ئىشلار بۇ قانۇندا چەكلەندى. سۇڭ بىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، « دۆلەت پۇقرالارنىڭ تولۇق ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ»، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «ساغلاملىق ئىدىيەسىنى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈش»، «ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانى ۋە ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش»، «ساغلاملىق تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى ياخشىلاش ئەھۋالىنى ھۆكۈمەتنىڭ نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا بۇ قانۇننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى مەجبۇرلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدى. «بىز سەھىيە ئىشلىرىنى ياخشىلاپ، پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇق. تۈزۈم سىستېمىسى جەھەتتە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. بۇنىڭ ئۆزى ناھايىتى ياخشى سىياسىي خىزمەت. ھۆكۈمەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى، بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك».

    ەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/bzCS8SDBd0TQekaBqg2PDw


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى