• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بېنزېما خانلىق مادرىدنىڭ 2019-يىللىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالاندى

    مەنبە : sports.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 00:22 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بېنزېما ئۈچۈن ئېيتقاندا ، 2019 - يىلى شۈبھىسىزكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر يىل بولدى . 2019-يىلى بېنزېما خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن 35 توپ كىرگۈزدى، بۇ كوماندىنىڭ ئىككىنجى مەرگەن راموستىن 25 توپ ئارتۇق، پۈتۈن ياۋروپادا لېۋاندوۋىسكى (48 توپ)، مېسسى (45 توپ) ۋە مباپپې (39 توپ) نىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى ئۇنىڭدىن كۆپ بولدى.

    رونالدو 2018 - يىلى يازدا خان مادرىدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، بېنزېما خانلىق مادرىدتتكى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىچىدە قارشى ئېلنىدىغان توپچى بولۇپ قالدى . 2018 / 19 مۇسابىقە پەسلىدە بېنزېما 30 توپ كىرگۈزدى ،پەقەت ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان 2011/2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن 2 توپ ئاز بولدى.

    بېنزېما يەنە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 117 يىللىق تارىخىدىكى ئۇدا سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن تۇنجى توپچى بولۇپ قالدى . يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بېنزېما مۇنداق دېگەن:

    «ئوخشىمايدىغان يېرى پەقەت كىرگۈزگەن توپ سانى، مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم يۇقىرى، ئۇنىڭدىن باشقا كوماندىدىكى سەپداشلىرىمنىڭ ياردىمى مېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىمنىڭ ئاچقۇچى، مەن بۇ مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونى بولسام دەيمەن.»


    بۇ مۇسابىقە پەسلى بېنزېما خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن قاتناشقان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 16 توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 توپ بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە كىرگۈزۈلگەن، خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن 11 مۇسابىقە پەسلى جەريانىدا، فرانسىيەلىك بۇ ھۇجۇمچى كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىنىڭ %50نى ئۆز زىممىسىگە ئالالىدى.


    بۇ مۇسابىقە پەسلى خانلىق مادرىد بىرلەشمە ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 47 توپ كىرگۈزدى، بېنزېما 16 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 7 قېتىم ياردەم پاس بەردى، كوماندا ئومۇمىي توپ سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىدى، ئۆتكەن يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بېنزېمانىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى، كوماندىنىڭ ئومۇمىي توپ سانىدا %18.5نى ئىگەللىدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى بولسا %40نى ئىگەللىگەن.


    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2019-يىلى بېنزېما كىرگۈزگەن 35 توپ ئىچىدە 14 توپ خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئىچىدە 8 توپ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى