• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ناسا ئانتاركتىدادا بايقىغان مۇز ئۆڭكۈر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 00:10 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يەر شارىدىكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەردىن بىز ئادەتتە ئاپئاق بىر بوشلۇقنى كۆرەلەيمىز. بۇ يىل ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز يۈزىدە غەلىتە بىر ئەھۋالنى بايقىغان، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىكەن. 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى قىش پەسلىدىمۇ بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، ئۇنداق بۇ زادى نېمە؟

    ئۇ بولسىمۇ جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ چوڭلىقىغا باراۋەر كېلىدىغان ئۆڭكۈر بولۇپ، كۆلىمى 80432 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قىش پەسلىدە بايقالغان مەنزىرە بولۇپ، ئېنىقكى بۇ لوگىكىغا سەل ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن.

    ئالىملار تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ چوڭ ئۆڭكۈر ئەمەلىيەتتە مۇز ئۆڭكۈرى بولۇپ، ئالىملار ئاخىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىققان. «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ ئىلمىي دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مۇز ئۆڭكۈرىنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىقى سۇنىڭ تېمپېراتۇرا مەسىلىسى بولۇپ، يېتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن مۇز پارچىسىنى ئېرىتىپ، بۇ مۇز ئۆڭكۈرىنى شەكىللەندۈرگەن، ئالىملار بۇنى «ئىسسىتىش ئۇچرىشىشى» دەپ ئاتىغان.

    ھەمدە كۆپلىگەن ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى بارغانسېرى ئاشقان، شۇڭا كەلگۈسىدە بىز بۇ غايەت زور مۇز ئۆڭكۈرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىشىمىز مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئەھۋال گەرچە ھازىر ئاز كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن.

    ئامېرىكا كولورادو شتاتلىق داشۆسىنىڭ ئالىمى تايد سىكانبوس مۇنداق دېگەن: «بۇ لەيلىمە مۇز رايونىدىكى مۇزنىڭ قېلىنلىقى بىر نەچچە مېتىرلا بولغاچقا، تەتقىقات قىممىتى يوق». ئەمما، باشقا ئالىملار بۇنى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە دەپ قاراپ، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە مۇھىت جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، ئۇلار مۇنداق بىر نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇ بولسىمۇ ئانتاركتىدا دېڭىز ئاستىدا غايەت زور تاغ تىزمىسى مەۋجۇت بولۇپ، خۇددى دېڭىز ئاستىدىكى «چومولاڭما چوققىسى» غا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    ئىللىق دېڭىز سۈيى جەنۇبىي قۇتۇپقا تارقالغان چاغدا، بۇ دېڭىز ئاستى« چومولاڭما چوققىسى» بۇ ئىللىق سۇ ئېقىنىنى تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىللىق سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شۇڭا بۇنداق تېخىمۇ كۆپ ئىللىق سۇ تاغ تىزمىسىغا تايىنىپ دېڭىز يۈزىگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېرىش ئەھۋالى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى كىلىمات ھادىسىلىرى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇ بولسىمۇ ئانتاركتىدانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز رايونلىرىدا دائىم بەزى كۈچلۈك بوران-چاپقۇننى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇلار بەلگىلىك شارائىتتىمۇ شەكىللەنگەن، ئۇلار شەكىللەنگەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئانتاركتىكادىكى دېڭىز مۇزى تەۋرىنىپ كەتكەن، كۈچلۈك بوران-چاپقۇن ئانتاركتىكادىكى رايونغا ئۇرۇلغاندا، ئانتاركتىكادىكى دېڭىز مۇزى يېرىلىپ، كاۋاك ۋە يوچۇقلارنى پەيدا قىلغان.

    بۇ سىرتقى يۈزگە يېقىن ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇ ئېقىنىنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئىللىتىپ، نىسبەتەن ئىللىق سۇلارنى يۇقىرىغا ئېقىتقان ھەمدە مۇزلارنى ئېرىتكەن. مانا بۇ ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى چوڭ ئامىل بولۇپ، بۇنىڭ 80432 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان غايەت زور «مۇز ئۆڭكۈرى» نىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىكەن.

    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ قۇتۇپ دېڭىز مۇزىنى تەكشۈرگۈچى ئالىمى ئالېكسېي پېيدى مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل بىر قەدەر ئىللىق سۇدىن پەيدا بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن زور، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆتكۈنچى شامالنىڭ سۇ دائىرىسىدىكى بىنورمال ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتىپ، جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردۇق، چۈنكى بۇ خىل غايەت زور مۇز ئۆڭكۈرىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى يەنىلا سىجىل ئاشماقتا.»

    ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانتاركتىكانىڭ دېڭىز ئاستىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ھەممىسى بۇ مۇز ئۆڭكۈرى ئارقىلىق تارقالغان بولۇپ، ئۇلار باشقا قىتئەلەرنىڭ ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئانتاركتىكا رايونىغىلا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ھەتتا ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا ئۇزۇن ۋاقىت يامغۇر ياغدۇرىدىكەن، شۇڭا بۇ تەتقىقاتنىڭ يەنىلا قىممىتى بار بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئالدىنقى بىر قىسىم ئالىملارنىڭ دېگىنىدەك ئەھمىيىتى يوق ئىش ئەمەس ئىكەن.

    بىز بۇ يەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئىنسانلار يەنە يەر شارىنىڭ كىلىماتىنى قوغدىمىسا راستىنلا «چوڭ ئۆزگىرىش» دەۋرىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى 2019-يىلىدىكى كىلىمات سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇمكى، يەر شارى بارغانسېرى ئىسسىپ كەتكەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، قاتتىق سوغۇق، بوران-چاپقۇن قاتارلىق ھاۋا رايى بارغانسېرى كۆپەيگەن.

    مەسىلەن، ھىندىستاندا يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى قاتتىق سوغۇق بولغان، ئەنگىلىيە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىنتايىن يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا دۇچ كەلگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەدرىجىي يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز شۇنى ھېس قىلدۇقكى، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئورنىغا قايتىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق ئىكەن. شۇڭا ئالىملار «يەرشارىنى قوغدايلى، ئىنسانلارنىڭ قالغان ۋاقتى ھەقىقەتەن كۆپ ئەمەس!» دەپ چاقىرىق قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى