• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:07 02-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2019 - يىلى 12 -ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى. كۆكتوقاي ناھىيەسىگە بارىدىغان تۇنجى قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى سائەت 11 دىن 01 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى.

    كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى-- يېڭىدىن ياسىلىدىغان ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ تۈر شىمالدا كۆكتوقايدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا كۆكتوقاي دەرياسىدىن ھالقىپ، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانات تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچى- جۇڭغار تۆمۈريولى شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىغا تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 260 كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇمۇل تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق شىتابى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۆمۈريولنى لايىھەلەش ۋە ياساشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. مۇھاپىزەت رايونىدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان 7 مىليون كۇب مېتىر توپا مۇھاپىزەت رايونىنىڭ سىرتىدىن توشۇپ كېلىنىپ، 178 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋايى ھايۋاناتنىڭ كۆچۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 34 ئورۇندا ياۋايى ھايۋاناتنى كۆچۈرۈش يولى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 5 ئورۇندىكى ئاساسلىق ياۋايى ھايۋاناتنى كۆچۈرۈش يولى كۆۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 8 مېتىردىن 10 مېتىرغىچە بولۇپ، 1- نومۇرلۇق ياۋايى ھايۋاناتنى كۆچۈرۈش يولى كۆۋرۈكى 2.5 كېلومىتېرلىق كۆچۈرۈش بەلبىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى بىلەن كۈيتۈن- بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجۇ- شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى- شىخو تۆمۈريولى بىرلىكتە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قېزىلما بايلىقى، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىم شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەشكىللەپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىگە بېرىپ قار- مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول دۆلەت ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لىن ۋېن مۇنداق دېدى: كۆكتوقاي تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى بىلەن كۆكتوقايغا بېرىپ- كېلىشكە 3 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى-- كۆكتوقاي، 3- نومۇرلۇق كان ئازگىلى، ئېرتىش چوڭ جىلغىسى، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى دېڭىز يۈزىدىن چۈشۈش پەرقى ئەڭ چوڭ كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىزنىڭ بۇ مەخسۇس پويىزغا 100 يولۇچى ئولتۇرسا بولىدۇ. مەخسۇس پويىز قاتنىغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ بەس- بەستە ساياھەتكە بېرىشقا تىزىملىتىۋاتىدۇ.

    مەنبە: 新疆1074交通文艺广播

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/wDKd9xYLrGXuq2H8bHS6BA


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى