• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قول بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۇت بارمىقى ئۇلاندى

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:24 02-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرى، يېڭى زېللاندىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى زېلاندىيەلىك ئەر برۇئېل قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندا، قول بارمىقىنى ئەمەس بەلكى «پۇت بارمىقى» ئىشلىتىدىغان بولغان. ئىلگىرى، ئۇ بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىق تۈپەيلىدىن باشمالتىقىنىڭ بىر قىسىمى كەمتۈك بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇنىڭ پۇت بارمىقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ باشمالتىقىغا كۆچۈرگەن ھەمدە ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

    5-ئايدا، 54 ياشلىق برۇل دېڭىز ساھىلىدا لەگلەك ئۇچۇرۇپ دولقۇن تېيىلىۋاتقاندا، لەگلەكنىڭ يىپى بارمىقىنى ئورىۋېلىپ، سول قولىنىڭ باش بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەرگە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ باشمالتىقىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. كەمتۈك بولۇپ قالغان قىسمىنى قايتا تىكىش مۇمكىن بولمىغاچقا، دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئىككى خىل تاللاشنى بەردى، بىرى تېرە كۆچۈرۈش، لېكىن بۇنداق يارا ئېغىزى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن «بەك سەت» بولۇپ قالاتتى، يەنە بىر خىلى بولسا باشمالتىقىنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ كېسىۋېتىش ئىدى. ئاڭلىماققا بۇ ئىككىلا خىل لايىھە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. بىراق، يەنە بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى خىل لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئۇنىڭ پۇت بارمىقىنى كۆچۈرۈش ئىدى. برۇل دەرھال بۇ لايىھەنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، باشمالتىقىمنى ساقلاپ قالىدىغان ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئۇسۇل ئىدى. ئەمەلىيەتتە، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى موۋىنمۇ بۇنداق ئوپېراتسىيەنى قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيەدە ھېچقانداق دوختۇر بۇنداق سىناقنى قىلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى بىر يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئىدى.

    دوختۇر موۋىن مۇنداق دەيدۇ، «ئۇنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، باشمالتىقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىدى، بىراق سۆڭەك ۋە مۇسكۇل پېيى خېلى يامان ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇ بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلەتتى».

    بۇ ئىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. ۋەقە يۈز بېرىپ 24 سائەت ئىچىدە، برۇل ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپ، ئالتە سائەت مىكرو تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىندى. ئىككى ئايدىن كېيىن، برۇلنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقىيىپ، پەقەت كىچىك تاتۇقلا قالدى. موۋېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر قېتىم برۇلنىڭ قولىدىكى «پۇت بارمىقى» بىلەن قىسقا ئۇچۇر يوللىغىنىنى كۆرۈپ ئىشەنگۈسى كەلمەي قالغان ئىدى.

    برۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەتتا يېڭى بارماق ئىزىنى يانفونغا تونۇتالىغان. بۈگۈنكى كۈندە، برۇلنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ، دېڭىز ساھىلىغا قايتىپ بېرىپ يەنە لەگلەك ئۇچۇرۇپ دولقۇن تېيىلماقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ «مەن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن ئەمما تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىمەن»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى