• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ ئاددىي ئايرودرومنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا ھەيران قالىسىز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:48 24-09-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى بىر ئارال دۆلىتىدە ئىنتايىن ئاددىي بىر ئايرودروم جايلاشقان، گەرچە شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئايرودروم قۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما، قالاق ئىقتىسادىي شارائىتى بۇ ئايرودرومنى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە كۆرسىتىپ قويغان بولۇپ، ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئايرودرومنىڭ تۇرقى زادى قانداقراقتۇ؟ ئايرودرومنىڭ ئاددىي توختىتىش مەيدانىدا ئانچە چوڭ بولمىغان بىرنەچچە ئايروپىلان توختىتىلغان بولۇپ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ۋە ئايرودروم ئاپتوبۇسىنىڭ ئاددىيلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.

    ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئاددىي ياسالغان پاخال ئۆي بولۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى دېمەيلا قويايلى، يامغۇر ياغقاندا پاخال ئۆيدىن سۇ ئۆتۈپ كېتەمدۇ-يوق بۇنىمۇ بىرنېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئايرودروم ئاپتوبوسىنىڭمۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولۇپ، ئېلىمىزدە ئاللىبۇرۇن شاللىۋېتىلگەن ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتلار «ئايرودوروم ئاپتوبوسى»نىڭ رولىنى ئويناپ، شۇ جايدىكى يولۇچىلارنى ئايرودورومغا ئاپىرىپ-ئەكېلىشكە مەسئۇل بولغان.

    گەرچە ئايرودرومنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن شۇ جاينىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىدە سۈنئىيلىك ئارىلاشقان كۆلەڭگىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ساپ تەبىئىي ئارامگاھمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئارزۇلاپ ساياھەت قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان، بۇ ئايرودرومنىڭ ياسىلىشىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ گۈزەل ئارال دۆلىتىگە كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، «قۇشقاچ گەرچە كىچىك بولسىمۇ بەش ئەزاسى تولۇق» دېگەندەك، بۇ ئاددىي ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتىنى يەنىلا يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى