• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    خۇاۋېي يېڭىچە سىمسىز يانفون قېپى چىقىرىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:40 27-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى كۆك چىش ئىتتىپاقى تور بېكىتىدىن بىر قىزىقارلىق ھۆججەت بايقىغان بولۇپ خۇاۋېينى Moto Modقا ئوخشاش كۆپ ئىقتىدارلىق ئاسما ئۈسكۈنە ئېلان قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاندۇرۇپ قويغان. بۇ قاپ سىمسىز ھالدا يانفون بىلەن ئۇلىنالايدىغان بولۇپ ھەرخىل ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن. ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ئۈسكۈنە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە» دەپ ئاتالغان بولۇپ ئويۇن، سالامەتلىك، سۇغا شۇڭغۇش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىشى مۇمكىن.

    بىراق يەنىلا ئەقلىيفوننى ئېلىپ يۈرۈشچان ئويۇن ماشىنىسىغا ئايلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنە بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئۇنداق قالسا سۇغا چۈشكەندە يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ ساقلاش قېپى بولۇشىمۇ ۋە ئاۋازنى كۈچەيتىدىغان ئۈسكۈنە بولىشىمۇ مۇمكىن. گەرچە خۇاۋېي بۇ جەھەتتە ھېچنېمىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ شىركەت مەھسۇلاتنى چىقىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك ئىكەن. مەسىلەن كونا يانفونلارنى قوللايدىغان قىلىش ۋە كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى بىلەن سىغىشىش دېگەندەك. Moto Modقا ئوخشاش بۇ ئۈسكۈنە يانفونغا قېرىغۇچە ھەمراھ بولۇشنىلا ئەمەس كونا-يېڭى يانفونغا تەڭلا ماس كېلىشنى ئويلىشىش كېرەك. سىمسىز ئۇلاش گەرچە لايىھە پەرقىنى تۆۋەنلىتەلىسىمۇ ئەمما بۇ ئۈسكۈنە يەنىلا بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى