• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاندىرويىد يانفونى نېمىشقا ئىشلەتكەنسېرى قېتىۋالىدۇ ، ئالما يانفونى بولسا ئۇنداق بولمايدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:28 27-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ھازىر جەمئىيەتتە، كۆپچىلىكنىڭ يانفونغا تايىنىشچانلىقى ناھايىتى چوڭ، بۇ نورمال ئەھۋال، چۈنكى يانفون ھەقىقەتەن بىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قورالىمىز، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ھازىر نېمىلا ئىش قىلساق ئالاقە تورى بىلەن باغلىنىدۇ، لېكىن يانفون ئىنتېرنېت تورىنىڭ ۋاسىتىسى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يانفونغا بولغان تايىنىشچانلىقىنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس، ھازىر يانفوننىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيدى، ھازىر يانفوننىڭ ھەممىسى ئەقلىيفۇن بولۇپ كەتتى، ھازىرمۇ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، يەنى، ئالما يانفونى ۋە ئاندىرويىد يانفونى، ئەمما ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق كېسەللىك بار، يەنى يانفوننى ئىشلەتكەنسېرى بارغانسېرى قېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

    ئالدى بىلەن ئالما يانفونى ئۈستىدە توختىلايلى، ئالما يانفوننىڭ ئىزچىل راۋان بولۇشى بىز ئېتىراپ قىلغان پاكىت، ئۇنداقتا ئالما يانفونىدا زادى قانداق مەخپىيەتلىك بار؟ ئەمەلىيەتتە ئالما يانفوننىڭ راۋانلىقىنىڭ زور بىر قىسمى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تۆھپىسى بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچ تېخنىكىسى يانفوننىڭ سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىككى ئىش، راۋان بولۇش بىلەن سۈرئەتنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ بىر، ئىككى ئېغىر گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما يانفون سىستېمىسى يېپىق شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى يۇمتال چۈشۈرۈشتە پەقەت يۇمتال دۇكىنىدىن ئىبارەت بۇ يول ياكى ئىجازەت ئېلىش يولى ئارقىلىقلا چۈشۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەخلەت يۇمتاللارنىڭ يانفونغا قاچىلىنىشى تۈپ يىلتىزىدىن توسۇلىدۇ.

    ئەمدى ئاندىرويىد يانفونىغا قارايدىغان بولساق، ئالما يانفونى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى بار، ئاندىرويىد سىستېمىسى ئوچۇق شەكىلدە بولۇپ، مەيلى قايسى يول بىلەن ئېرىشكەن قاچىلاش بوغچىسى بولسۇن، ئوخشاشلا قاچىلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى، ئۈچىنچى تەرەپ يۇمتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەخلەت يۇمتاللار بولۇپ، ئەلالاشتۇرۇلمىغان، بۇ يۇمتاللار ئارقا سۇپىدا ھوقۇققا ئېرىشىدۇ ھەمدە يانفون ئىچكى ساقلىغۇچىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا يانفوننى ئىشلەتكەنسېرى قېتىۋالىدۇ، شۇڭا بىز پەقەت يۇمتال دۇكىنىدىن چۈشۈرگەن يۇمتاللارنىلا قاچىلىساق بۇنداق مەسىلە كېلىپ چىقمايدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر يانفون ئىشلەتكەندە بىۋاسىتە home كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئېكران يۈزىگە قايتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قائىدە بويىچە ئىلىپ ئېيتقاندا، ئالما يانفونىدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى ئالما يانفونىنىڭ ئارقا سۇپىسىغا ئىشلىتىدىغان يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئالما يانفونىنىڭ ئارقا سۇپىسىغا توڭلىتىش شەكلى قوللىنىلىدۇ، يەنى بىۋاسىتە home كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئېكران يۈزىگە قايتسىمۇ، چېكىنىپ چىقمىغان يۇمتاللار ئارقا سۇپىدا ئوخشاشلا توختاش ھالىتىدە تۇرىدۇ، يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنى ئىگىلىمەيدۇ، ئەمما ئاندىرويىد يانفونى بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ئاندىرويىد يانفونىدا بۇنداق مەشغۇلات قىلىدىغان بولسا، ئارقا سۇپىدىكى يۇمتاللار يەنىلا داۋاملىق توختىماي مەشغۇلات قىلىدۇ. بۇ يانفونغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەجەللىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارقا سۇپىدىكى يۇمتاللار بارغانسېرى كۆپىيىپ، يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ يۈكىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىدۇ ، ھەتتا يانفون يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدە تۇرىدۇ، يانفون يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھالىتىدە تۇرسا يانفوننىڭ قاتتىق دېتاللىرى تېز سۈرئەتتە كونىراپ كېتىدۇ .


    ئۇنىڭدىن باشقا، ئاندىرويىد يانفونىنىڭ باھاسى ئالما يانفونىدىن ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن، ئەمما باھامۇ مالغا لايىق بولىدۇ، ئالما يانفونىنىڭ قىممەت بولۇشىمۇ ئورۇنلۇق، 3000 يۈەنلىك ئاندىرويىد يانفونى بىلەن نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئالما يانفونىنىڭ تېزلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، 3000 يۈەنلىك ئىككى ئاندىرويىد يانفونىنى 6 يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ، 6000 يۈەنلىك بىر ئالما يانفونىنى 6 يىل ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ تۇنجى بولۇپ باتارېيەسى كاردىن چىقىدۇ، باتارېيەنى ئالماشتۇرسا ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ، ئەگەر بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن قورقمىسىڭىز، ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى