• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نىڭ ئىككى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:42 26-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دىۋايىن جونسون بىلەن جەيسىن ستاسام باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك كىنو «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات: ئالاھىدە ھەرىكەت» (速度与激情:特别行动) دۆلىتىمىزدە قويۇلغاندىن كېيىن زور ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا بېلەت كىرىمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولماقتا. ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز كىنو بازىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى 343 مىليون يۈەن بولۇپ، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات: ئالاھىدە ھەرىكەت»نىڭ بېلەت كىرىمى 239 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات: ئالاھىدە ھەرىكەت» 8-ئاينىڭ 23-كۈنى قويۇلدى ھەمدە تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 281 مىليون يۈەن، ئىككىنچى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 239 مىليون يۈەن بولدى، ئۇدا ئىككى كۈن كۈندىلىك بېلەت كىرىم چېمپىيونى بولدى، ئىككى كۈنلۈك بېلەت كىرىمىلا 520 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8» 2017-يىلى دۆلىتىمىزدە قويۇلغاندا تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 417 مىليون يۈەن، ئىككىنچى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 487 مىليون يۈەن بولغان، «ئالاھىدە ھەرىكەت» «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نىڭ تۇغۇندى فىلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئارقىدا تۇرۇشى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.


    بۇ كىنونىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى ئىككى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 44 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن 313 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، بۇ كىنو دۆلىتىمىزدا شىمالىي ئامېرىكىدىنمۇ بەكرەك قارشى ئېلىنماقتا.

    ئۇنىڭدىن باشقا، كارتون فىلىم «نېجا» تۈنۈگۈن 63 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ كۈندىلىك بېلەت كىرىم تىزىملىكىدە ئىككىنچى بولغان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى تۆت مىليارد 413 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تەكىتلەشكە تىگىشلىكى شۇكى، «نېجا»نىڭ «سەرگەردان يەر شارى»نىڭ بېلەت كىرىمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 250 مىليون يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ كارتون فىلىم پات ئارىدا «سەرگەردان يەر شارى»دىن ئېشىپ دۆلىتىمىز كىنوچىلىقىدىكى بېلەت كىرىمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىنوغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    «ئوت قەھرىمانى»نىڭ تۈنۈگۈنكى بېلەت كىرىمى 16 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 549 مىليون يۈەنگە يەتكەن. «يولۇچى 2»نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 667 مىليون يۈەنگە يەتكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى