• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالپىس تېغىدىكى مۇزلۇقلار ئېرىشكە باشلىغاچقا ئۈستىگە «يوتقان» يېپىپ قويۇلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:06 26-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «پارنىك ئېففېكتى» پەيدا قىلغان دۇنيا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇزلۇقلار ئېرىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنسانلار مۇزلۇقلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئامال-چارىلەرنى ئىشقا سالماقتا.

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېتسارىيە ئالپىس تېغىنىڭ جەنۇبى، فۇركا تاغ ئېغىزى (Furka Pass) ئەتراپىدىكى پۇقرالار يېقىندىن بۇيان مۇزلۇقلارنى ئاسراش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇزلۇقلارغا «يوتقان» يېپىشقا باشلىغان. ئۇلار ئالاھىدە ياسالغان ئەدىياللارنى سۆرەپ تاغ چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن تەخمىنەن 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى رونا مۇزلۇقىنىڭ ئۈستىگە ئەدىيال ياپقان. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۇسۇل قارىماققا ناھايىتى ئىپتىدائىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن %50-%70 مۇزلۇقنى ئېرىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، مۇزلۇقلارنى ئاسراش ھەرىكىتى 2009-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 10 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇ جايدىكى پۇقرالار 10 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى يازدا ئەتراپتىكى مۇزلۇقلارغا ئەدىيال يېپىپ مۇزلۇقلارنى ئېرىپ كېتىشتىن ساقلاپ كەلگەن. بۇ خىل ئالاھىدە ياسالغان ئەدىيالنىڭ ئىچىگە قوي يۇڭى ئېلىنغان بولغاچقا مۇزلۇقلارنى ئىسسىپ كېتىشتىن ساقلاپ، قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ قالالايدىكەن.

    شۇ جايدىكى پۇقرالار ئىپادە بىلدۈرۈپ، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇزلۇقلارغا «يوتقان» يېپىپ قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ھەر يىلى ئەدىيالنى سۆرەپ يالاڭئاياغ ھالدا تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئەدىياللارنى مۇزلۇق ئۈستىگە يېپىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ئاز دېگەندىمۇ نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىزمەتنى تاماملاشقا ھەر يىلى نەچچە مىڭ فوندستېرلىڭ مەبلەغ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى يەرلىك پۇقرالار ئىئانە قىلىپ يىغقانىكەن.


    مۇزلۇقلارنى ئاسراش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2300 مېتىر كېلىدىغان تاغ چوققىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي ئالپىس تېغىدىكى ئەڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭلاشقا مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشى ئىكولوگىيەلىك مۇھىتقا خىرىس پەيدا قىلىپلا قالماستىن بەلكى شۇ جاينىڭ ساياھەت ئىقتىسادىغىمۇ ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

    تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇزلۇقلارغا ئەدىيال يېپىش تەدبىرى ئاساسەن ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ، ئالىملار نۆۋەتتە مۇزلۇقلارنى ئېرىپ كېتىشتىن ساقلايدىغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

    ئۆتكەن يىلى بىر تۈركۈم ئالىملار ئېرىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مۇزلۇقلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالپىس تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا سۈنئىي قار دۆۋىلەپ مۇزلۇقلارنى كۆمۈۋېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن يەنە بەزى ئالىملار بۇ تەكلىپكە قارشى تۇرغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەدبىر پەقەت يۈزەكى تەدبىر بولۇپ مەسلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدىكەن، نۆۋەتتە مۇزلۇقلارنى ئېرىپ كېتىشتىن ساقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى بولسا پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىپ، پارنىك ئىففېكتى پەيدا قىلغان كېلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىش ئىكەن.

    ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 1856-يىلىدىن بۇيان پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلغان تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ شىۋېتسارىيەدىكى مۇزلۇقلار تەخمىنەن 1400 مېتىردەك چېكىنىپ كىچىكلەپ كەتكەن. نۆۋەتتە رونا مۇزلۇقىنىڭ ئېرىپ كېتىش ھادىسىسى پەقەت ئالپىس تېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى ئىكەن.

    نۆۋەتتە ئالپىس تېغىدىكى مۇزلۇقلادىن باشقا يەنە جەنۇبىي قۇتۇپ، شىمالىي قۇتۇپ ۋە ھىمالايا تېغىدىكى مۇزلۇقلارمۇ ئېرىشكە باشلىغان بولۇپ، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشى يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دېڭىز بويىدا ياشايدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى يۇرت-ماكانسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى