• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مىچېل ئوباما نيۇيوركتا ھەشەمەتلىك چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:03 26-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گەرچە ئاق سارايدىن ئايرىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن سابىق بىرىنچى خانىم مىچېلنىڭ تەسىر كۈچى ئىزچىل ئاجىزلاپ قالمىغان بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىچېل نيۇيوركتىكى بىر مېھمانسارايدا چۈشلۈك تاماق يىغىلىشىغا قاتناشتى.

    شۇ كۈنىدىكى چۈشلۈك تاماق يىغىنىغا داڭلىق شەخسلەر يىغىلغان بولۇپ، داڭلىق ئارتىس سارا جېشىكا، ئولىۋىيا مائېن، دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل لىلى ئالدرىچ قاتارلىقلار تاماق زىياپىتىدە پەيدا بولدى. بۇ كۈنى مىچېل ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن بولۇپ، ماختاش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.


    زىياپەتكە قاتناشقان كۈنى، مىچېلنىڭ چاچ پاسونىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تەبىئىي بۈدۈرە چېچى مودىلىقتىن بىشارەت بېرىپ، ئۇنىڭ داڭلىق مودېللاردىن قېلىشمايدىغان لاتاپىتىنى نامايەن قىلغان.

    ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، «Vogue» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، مىچېلنىڭ مودا تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە ھازىرقى بىرىنچى خانىم مېلانىيا توغرىسىدا سۆز ئاچمىغان. مىچېل بىرىنچى خانىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم «Vogue» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.


    سۈرەتتىكى مىچېلنىڭ مېھمانسارايغا يېتىپ كەلگەن ۋاقتى.

    چەتئەت تاراتقۇلىرىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرى، بىر قېتىملىق خەلق رايىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مىچېل دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئايال بولغان. دۇنيادىكى ئاڭ ئالقىشقا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئەر بىل گەيتىس ئىكەن.

    خارۋارد داشۆسى 1867-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال تۈردىكى خۇسۇسىي داشۆ، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى داڭلىق قارا تەنلىكلەر داشۆسى. سۈرەتتە: مىچېل ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى