• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مارادونا تىز ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، يەنە مۈرىسىنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:55 26-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تىز ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ دوختۇر تەۋسىيە قىلغان ئىككى تۈرلۈك داۋالىنىشنىڭ بىر تۈرى ئىكەن.

    مارادونا ئالدىنقى ئايدا مېكسىكىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى دورادوس كوماندىسىدىكى باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، ئۇ دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى ئاستىدا خىزمىتىنى توختاتقان بولۇپ، پۈتۈن زېھنىنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاراتماقچى ھەمدە مۈرە ۋە تىز ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولغان.

    بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن مارادونا ئۇزۇن ۋاقىت يارىلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تىزىدىكى بوغۇم ياللۇغىمۇ بار، ئۇ 3-ئاي ئىلگىرى ئاشقازان كېسىلى سەۋەبلىك بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان.

    مارادونا دورادوستىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بۇ كوماندىنى مېكسىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە چىقىرىشقا ئازلا قالغان بولۇپ، ئۇ يەنە كۆپلىگەن كوماندىلارنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى