• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئافرىقىلىقلار نېمىشقا جۇڭگولۇقلارنى شۇنچە ھۆرمەتلەيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:45 26-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئافرىقىدا ھازىرغىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 1000 دوللارغا يەتمەيدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىنتايىن قالاق. بۇ دۆلەتلەردە ھەتتا ئەڭ ئاساسىي كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىمۇ تېخى ھەل بولمىغان. بىراق، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى خەلق ئاممىسىنىڭ تويۇنۇش مەسلىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن. بىر توپ جۇڭگولۇقلار ئافرىقىلىقلارغا كۆكتات تېرىشنى ئۆگىتىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئافرىقا ئاياللىرى قولىغا كۆكتات ئېلىپ خۇشال بولۇپ كەتكەن. ئافرىقىنىڭ نامراتلىق سەۋەبى مۇرەككەپ، نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئۇلارغا نىسبەتەن چەت ئەل تېخنىكىسى ئىنتايىن قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق بىر مو يەردىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشلىق، كۆكتات ئالغىلى بولىدۇ.

    جۇڭگودىن كەلگەن يۆ ئەپەندىنىڭ سۇداندا دېھقانچىلىق مەيدانى بار بولۇپ، ھەر كۈنى 4000 كىلوگىرام كۆكتات توشۇيدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقىلىقلار. شۇڭا جۇڭگولۇقلار ئافرىقىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغان.

    جۇڭگولۇقلار بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئافرىقىلىقلارغا كۆكتات تېرىشنى ئۆگەتكەن.

    ئافرىقىلىقلارغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرى قول سېلىپ مەشغۇلات قىلالايدىغان بولغان.


    ئافرىقا ئەڭ ئىللىق قۇرۇقلۇق، بولۇپمۇ غەربىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىماتى سەي-كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئىلگىرى ئىلغار تېخنىكا بولمىغاچقا، كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى.

    يەر يەنىلا شۇ يەر، ئەمما جۇڭگولۇقلار تېخنىكا ئېلىپ كەلگەچكە مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى