• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قومۇل قوغۇن بايرىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:07 09-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو قۇمۇل «شېرىن ساياھەت» 15ـ نۆۋەتلىك قوغۇن بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 19ـ كۈنى قۇمۇل قوغۇن باغچىسىدا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ.

    بۇ يىلقى قوغۇن بايرىمىدا «تاتلىق قوغۇن سىھرى كۈچكە تولغان ماكان» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «پۇقرالار قوغۇن بايرىمىدىكى باش پىرسۇناژ، قوغۇن بايرىمى پۇقرالارنىڭ سەھنىسى» دېگەن پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يىراق- يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تاتلىق قوغۇن ساياھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    ۇ نۆۋەتلىك بايرامدا ساياھەتچىلەر 210 خىل سورتلۇق قوغۇننى كۆرىدۇ. بۇ 210 خىل قوغۇن سورتى ئىچىدە، «جاغدا»، «شىجۇ 17ـ نومۇر»، «جىنمى 8ـ نومۇر» قاتارلىق كونا قوغۇن سورتلىرىدىن باشقا، يەنە قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىن كىرگۈزۈلگەن «ئالتۇن قۇياش»، «20ـ نومۇرلۇق 9819»، «چۇاڭكې 6ـ نومۇر» قاتارلىق سەككىز خىل يېڭى سورت بار. ساياھەتچىلەر قوغۇن بايرىمىدا قوغۇنلارنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى پۇراپلا قالماي، يەنە تاتلىق قوغۇنلارغا ئېغىز تىگەلەيدۇ.

    قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاۋ خەييەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇنى بايرىمى پەقەت ئۈچ كۈنلا داۋاملىشاتتى، ساياھەتچىلەر بايرامغا ئۈلگۈرەلمىسە كۆڭلى يېرىم بولۇپ كېتەتتى. ئەمما بۇ يىل بۇنداق بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى قوغۇن بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتورىلىدىن 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.»

    بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇنى بايرىمىدا «كېچىدە قوغۇنلۇق باغچىنى سەيلە قىلىش» پائالىيەت ۋاسىتىسى قىلىنىپ، جېڭجۇ، قومۇل قوغۇنى باغچىسى، قومۇل دەۋر مەيدانى، قومۇل خەلقئارا غەلىتە تاش مەدەنىيەت شەھەرچىسى، ئاقتاش مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلاردا قوغۇنغا ئېغىز تىگىش، قوغۇننىڭ رەسىمىنى سىزىش، قوغۇننى تەسۋىرلەپ يېزىش قاتارلىق قومۇل قوغۇنى باش تېما قىلىنغان قومۇلنىڭ 19 تۈرلۈك ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، چوڭقۇر مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

    پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر «ئۆزىگە» تەۋە قوغۇننى زاكاز قىلىپلا قالماي، بۇ مەيدان قوغۇن بايرىمىدا «مېنىڭ قومۇلۇم، مېنىڭ قوغۇنۇم» مىكرو سىن فىلىمى توپلاش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ۋارتا توپ مۇسابىقىسى (شىنجاڭ قومۇل بېكىتى)، «يېڭى دەۋرنى مەدھىيىلەش» قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى، «شەرقىي تيانشان» پىيادە مېڭىش دالا رېقابەت مۇسابىقىسى، قومۇل شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلات قوغۇن شاھىنى باھالاش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلەر يېڭىدىن قوشۇلدى.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قومۇل قوغۇنى باغچىسى ئاساسىي يىغىن مەيدانىمۇ نەق مەيداندا لىنىيە ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جېڭجۇ تارماق يىغىن مەيدانى بىلەن بىۋاستە كۆرسىتىش توغرىسىدا ھەمكارلىشىدۇ. شۇ چاغدا ساياھەتچىلەر ئېسىل ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرى، خېنەن سۇڭشەن شاۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ چامباشچىلىق نومۇرلىرى ۋە قومۇل قوغۇن بايرىمى «بىر بەلباغ، بىر يول» ساياھەت شەھىرى ئوبراز ئەلچىلىرىنىڭ سەييارە ئويۇنىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بىر بەلباغ، بىر يول-- شېرىن ساياھەت» ناملىق قۇمۇل ساياھەت مۇزىكا پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش يىغىنى، «قومۇل قوغىنىغا ئېغىز تىگىڭ» قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ ئارقا- ئارقىدىن قۇمۇل قوغۇن بايرىمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى