• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەنگلىيەلىك بوۋاي كىنوخانىدا قورقۇنچلۇق فىلىم كۆرۈپ قازا قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:01 06-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 2-ئىيۇل كەچ، تايلاند باتىياھتىكى بىر كىنوخانىدا قورقۇنچلۇق فىلىم «ئاننابېل3: ئالۋاستى قونچاقنىڭ ئۆيىگە قايتىشى» ناملىق قورقۇنچلۇق فىلىم قويۇلۇپ بولۇپ، قويۇش زالىدىكى چىراغ يورۇغىنىدا، تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى تېخىچە فىلىمنىڭ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلىرى ئىچىدىن ئۆزىنى تارتالماي تۇرغان كىشىلەرنى چۆچىتىۋەتكەن. ئەسلىدە ئۇ ئايالنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر ياشانغان كىشى نەپەستىن قالغان ئىكەن.

    چىرقىرىغىنىچە كىنوخانا خىزمەتچى خادىملىرىدىن ياردەم سورىغاندىن كېيىن، قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن بۇ ئايال جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلغان.

    ئارقىدىنلا، بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ ياشانغان كىشىنىڭ جەسىتىنى يان ئىشىكتىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

    قۇياش گېزىتىنىڭ شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالە مونسىرا (Monthira)نىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ كۈتۈلمىگەن پاجىئەدىن نەق مەيداندىكى كىشىلەر ھەم ئېچىنغان، ھەم قورقۇپ كەتكەن.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ جايدىكى تېزلىكتە كىنوخانىغا يېتىپ كەلگەن يەرلىك ئاھالە مونسىرا شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: «بىر قانچە كىشى كىرىش ئېغىزىدا تۇرۇپ كىنوخانا خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن پاراڭلشىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەن ياشانغان كىشى بىلەن بىر قويۇش زالىدا كىنو كۆرگەن ئىكەن. ئۇلار قاتتىق ئازابلانغاندەك قىلاتتى. ئۇلار يەنە يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن قاتتىق ھەيران قالغان. چۈنكى ئارىسىدا ئۆلۈپ كەتكەن ياشانغان كىشى بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرغانلارمۇ بار ئىكەن» دېگەن.

    قۇياش گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆلۈپ كەتكەن ياشانغان كىشى ئەنگلىيەدىن كەلگەن بېرنارد چاننىڭ بولۇپ، بۇ يىل 77 ياشتا ئىكەن.

    2-ئىيۇل كەچتە، باتىياھ ئارامگاھىدىكى تۇرۇۋاتقان چاننىڭ شۇ جايدىكى بىر كىنوخانىغا بېرىپ، «ئاننابېل3: ئالۋاستى قونچاقنىڭ ئۆيىگە قايتىشى» ناملىق قورقۇنچلۇق فىلىمنىڭ قويۇش زالىغا كىرگەن. ئارقىدىن، مانا بۇ پاجىئە يۈز بەرگەن.

    بىراق، چاننىڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق فىلىم بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ-يوق؟

    خەۋەر قىلىنىشىچە، ساقچى تەرەپ «دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بۇ چەتئەللىك كىشىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىراق، دوختۇرلار ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جەسەت تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا» دەپ بىلدۈرگەن.

    چاننىڭنىڭ كۈتۈلمىگەن ئۆلۈم خەۋىرى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان:

    - مەن چاننىڭغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق فىلىمنى كىنوخانىدا كۆرمەيمەن.

    -قورقۇنچلۇق فىلىمىنىڭ ياش چەكلمىسى بولۇشى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى