• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كالفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە كىشىلەر ھايۋانلارنى تاشلاپ قويدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:02 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى تاغ ئوت ئاپىتىدە 42 ئادەم ئۆلۈپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك تاغ ئوت ئاپىتى بولۇپ قالدى. تاغ ئوت ئاپىتى كۆپلىگەن ئىشتاتلارغا يامرىغان بولۇپ،يەرلىكتىكى ئاھالىلەر يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇلار ئالاقزادىلىك ئىچىدە قاچقان بولغاچقا ئۆيلىرىدا بېقىۋاتقان ھايۋانلارغا سەل قارىغان. بىر ئات ئوتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە سەكرىگەن بولۇپ، ئوت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىچىگە قاپسىلىپ قېلىپ ئىگىسىنىڭ قوشنىسى ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-نويابىر كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ Paradise بازىرىدىكى جېف خىل ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ قوشنىسىدىنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا بىرئاتنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئات ئوت ئاپىتىدە كۆلچەككە سەكرەپ ئوتتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىن ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    خىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيى بارمۇ يوق جەزىملەشتۈرۈپ باقماقچى بولغان بولۇپ، بۇ ئاتنى تۇيۇقسىز كۆرۈپ قالغان. «ئۇنىڭ كۆزى ئۈمىدسىزلىككە تولغان بولۇپ ۋاز كەچمەكچى بولغاندەك كۆرۈندى. مەن ئۇنىڭ بۇ يەردە قانچە ئۇزۇن تۇرغانلىقىنى بىلمىدىم، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەۋېتىپتۇ.» خىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئات سۇ كۆلچىكىدىكى سېلىنچىغا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلىغان، بولمىسا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالاتتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:«بىز سېلىنچىنى تارتىپ ئۇنى تېيىز سۇ رايونىغا سۆرەپ كېلىپ، ئاندىن ئۇنى سۇ كۆلچىكىدىن چىقاردۇق. ئۇ بەدىنىدىكى سۇنى سىلكىپ چۈشۈرۈپ بىزگە بىر قانچە مىنۇت قاراپ رەھمىتىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئازراق مېڭىپ تېنىنىڭ يەنىلا ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.»

    خىل ئارقىدىن قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بۇ ئاتنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ جايدىن ئايرىلغان.

    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 9-نويابىر كەچكىچە لوس ئانجىلىس ھايۋاناتلارنى قوغداپ باشقۇرۇش ئورنى 815 تۇياق قۇتقۇزۇۋېلىنغان ھايۋاننى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 550 تۇياق ئات بار ئىكەن. باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ئاللىسون كاردونا مۇنداق دېدى:«بۇ بىر ئېغىر ئاپەت، بۇ ئوت بەك چوڭ دائىرىنى قاپلىدى.» گەرچە لوس ئانجىلىس ھايۋاناتلارنى قوغداپ باشقۇرۇش ئورنى ماكانسىز قالغان ھايۋانلارنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر پاناھلىنىش ئورنىمۇ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، 100دىن ئارتۇق ھايۋان ئاگورا ھايۋانلارنى قوغداش مەركىزىدىن چېكىنىپ چىققان. نۆۋەتتە كۆپلىگەن مەھەللە بۇ ماكانسىز قالغان ھايۋانلارنىڭ ئىگىسىنى تېپىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

    ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولۇپ، تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن، كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى Paradise بازىرىدىكى ئوت ئاپىتى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. مەلۇم ئەمەلدارنىڭ 9-نويابىر تونۇشتۇرۇشىچە، Paradise بازىرىدىكى %80-%90 ئۆي كۆيۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە 35 قېتىملىق ئادەم يوقاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇ ئوت ئاپىتى 26 مىڭ نوپۇسى بار Paradise بازىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى