• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خۇاۋېي كېلەر يىلى تۆت كامېرالىق 10 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتەلەيدىغان يانفون بازارغا سالىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:02 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا، گېرمانىيە پەن-تېخنىكا بىلوگى AndroidPITنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خۇاۋېي غەربىي ياۋروپا رايونى ئىستېمالچىلار كەسپى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ۋولتېر جى خۇاۋېينىڭ بەزى كىيىنكى پىلانىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، خۇاۋېي 2019-يىلىدىكى مەلۇم پەسىلدە تۆت كامېراسى بار ۋە 10 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدىغان بايراقدار يانفون بازارغا سېلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

    خۇاۋېي P20 Proگە ئۈچ كامېرا ۋە بەش ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق، فوتو ئاپپارات ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقان. DXOتىزىملىكىدە،iPhone XS Maxنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى خۇاۋېي P20 Proغا يېتەلمەيدۇ.

    نۆۋەتتە، دۇنيا بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە، خۇاۋېي ئالمىنى مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. خۇاۋېينىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى ناھايىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ سامسۇڭنى مەغلەپ قىلىپ، دۇنيادىكى ئاڭ چوڭ كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلىنىش.

    ھازىرقى باسقۇچتا، خۇاۋېينىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى خۇاۋېي Mate 20 يۈرۈشلۈكىگىمۇ ئۈچ كامېرا سەپلىدى، خۇاۋېي غەربىي ياۋروپا رايونى ئىستېمالچىلار كەسپى گۇرۇھىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېلەر يىلى بەلكىم تۆت كامېراسى بار ۋە 10 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدىغان بايراقدار يانفوننى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى