• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نېمە ئۈچۈن بەزى جانلىقلار ئۆلگەندە قورسىقى ئ‍ۈستىگە بولۇپ قالىدۇ؟ سەۋەبى ئەسلىدە...

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:35 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىز ھەمىشە ئۆلۈپ قالغان قۇرۇتلارنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورسىقىنى ۋە پۇتلىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ ياتىدۇ، مەسىلەن ئۆيدىكى سۈۋەرەك، چىۋىن، دەرەخ ئۈستىدىكى تومۇزغا قاتارلىقلار.

    نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ قالغان قۇرۇتلارنىڭ قورسىقى ئۈستىگە قاراپ قالىدۇ‎؟ ئەجىبا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاتىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ شور پىشانىلكىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئاساسى بار.

    ئائىلىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئۆلۈشى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ «قەستەن قاتىللىق قىلىشى» سەۋەبىدىن بولىدۇ، مەسىلەن سۈۋەرەك دورىسى قويۇش ياكى چېچىش، پاشا كۈجىسى يېقىپ زەھەرلەش قاتارلىقلار. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ھاشاراتلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، نىۋرونلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بۇنداق بولغاندا ھاشاراتلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، بېشى ئايلىنىپ، بەدىنىنى مىدىرلىتالمايدۇ دە پۈتۈنلەي كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ.

    بىراق ئۇلارنىڭ قاتتىق سىرتقى قېپى ۋە قالايمىقان تېپىپ سەكرەيدىغان پۇتى بولغاچقا، ئۇلار ئاسانلىقچە تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىيالماي پۇتلىرى ئاسمانغا قاراپ، بەدىنى تەتۈر بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار زەھەرلىنىپ قالغان چاغدا بەدىنى ناھايىتى ئاجىزلاپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەرقانچە قىلىپمۇ تەتۈر بولۇپ قالغان بەدىنىنى ئوڭشىيالمايدۇ.

    يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، «دۈمبىسى ئېغىر، قورسىقى يېنىك»، كۆپىنچە قۇرۇتلارنىڭ دۈمبىسىدە قېلىن ھەم ئېغىر بولغان قوغداش قېپى بولىدۇ، قورسىقىدا بولۇپ كىچىك كىچىك ئىچكى ئەزالىرى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىللىرى بولىدۇ، بۇ ھاشاراتلار ئۆلگەن چاغدا مۇسكۇللىرى ئېغىر بولغان دۈمبە قىسمىدىكى توقۇلمىلارنى كۆتۈرەلمەيدۇ ھەمدە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە دۈمبە قىسمى پەسكە قاراپ قالىدۇ.

    كونىلارنىڭ «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش»دېگىندەك، بەزى ھاشاراتلار ئۆلۈمنى چىللاپ ئەكىلىدۇ. ئۇلار زەھەرلىنىپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، پۇت قوللىرى جىم تۇرماي قالايمىقان سەكرەپ بەدىنى تەتۈر بولۇپ قالىدۇ، يەنە بەزى ھاشاراتلار ئېگىز يەردىن سەكرەشكە ئامراق بولۇپ، سەكرىگەندە يارلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن قاتتىق دۈمبىسى بىلەن يەرگە چۈشىدۇ. قورسىقىنىڭ ئاجىز مۇسكۇللىرى تەتۈر بولۇپ قالغان بەدەننى ئۆرۈيەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ داۋاملىق ئۆرۈلەلمىسە، ئوزۇقلۇق يىيەلمەيدۇ ھەم سۇ ئىچەلمەيدۇ. نەتىجىدە يا ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ يا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ.

    بېلىق ئۆلگەندە قورسىقى ئۈستىگە بولۇپ قالىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ھاشاراتلارلا ئەمەس كۆپ ساندىكى بېلىقلارمۇ ئۆلگەندە بەدىنى ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ قالىدۇ. بېلىقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تەڭشەپ بېرىدىغان بىر پۈۋەكچە ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتا ئوخشىمىغان ھەجىمدىكى ھاۋانى سۈمۈرۈش ياكى چىقىرىش ئارقىلىق بېلىقنىڭ ئېغىرلىقنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاچقا بېلىق سۇنىڭ ھەرقانداق يېرىدە خالىغانچە توختىيالايدۇ.

    بېلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن، تەڭشەش ئىقتىدارى يوقۇلۇپ، پۈۋەكچىسىگە لىققىدە ھاۋا تولىۋالىدۇ. بېلىقلارنىڭ دۈمبە قىسمىدا ئومۇرتقا سۆڭىكى ۋە مۇسكۇل بولغاچقا بىر قەدەر ئېغىر، قورساق قىسمىدا بولسا ئىچكى ئەزالىرى بار بولۇپ، بوشلۇق چوڭ بولغاچقا، بىر قەدەر يىنىك. شۇڭا بېلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن، يىنىك بولغان قورساق قىسمى ئۈستىدە قاراپ قالىدۇ.

    ئەلۋەتتە، «تۆت پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ئۆلۈش» بۇ جانلىقلارنىڭ بىردىنبىر ئۆلۈش شەكلى ئەمەس، ئەگەر سىز ئۆمىلەۋاتقان شەكىلدە ئۆلۈپ قالغان ھاشاراتلارنى ئۇچراتسىڭىز ئۇنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنى ھەرگىز بىلەلمەيسىز، پەقەت قورسىقى ئۈستىگە قاراپ قالغان بولسىلا ئاندىن بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى «ئۆلۈش شەكلى»بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى