• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋاتقىنى ھاراق-تاماكا ئەمەس بەلكى قولىڭىزدىكى قايناقسۇ!

    مەنبە : www.sohu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:49 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى،ناشتىدا بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە ئۈچەينى تازىلايدۇ؛ خىزمەتتە بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە سۇ تولۇقلاپ راھەت قىلىدۇ؛ تاماقتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.... بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلىمىز، لېكىن سىز راستتىنلا سۇ ئىچىشنى بىلەمسىز؟ بۇ سوئالنى گۆدەكلەرچە سوئال دەپ قالماڭ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىڭىز چۈشىنىپ قالىسىز.

    1. تۇرۇبا سۈيىنى قايناتقان ھامانلا ئىچىشكە بولمايدۇ

    بىلەمسىز؟ تۇرۇبا سۈيىنى قاينىتىپلا ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ئادەتتە خىلور بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىلور سۇدىكى ئورگانىك ماددىلار بىلەن بىرلىشىپ، خىلوروفورم ، گالوگېنلاشقان ھىدروكاربون قاتارلىقلار راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ ۋېيبو پىروفېسسور شۇنداق تەكلىپ بېرىدۇكى، سۇنى قايناتقاندا ئۈچ قەدەملىك مەشغۇلاتقا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى تۇرۇبا سۈيىنى چەينەككە ئېلىپ بىر ئاز تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاندىن قاينىتىش؛ سۇ قايناي دېگەندە چەينەكنىڭ ئېغىزىنى ئېچىش؛ سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزۇزۇپ ئاندىن ئىچىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا قايناقسۇ تەركىبىدىكى خىلور مىقدارىنى بىخەتەر قىممەتكە كەلگۈچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    2. ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا، باكتېرىيەلەر زور مىقداردا كۆپىيىپ كېتىدۇ

    ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنى ئىشلىتىش قارىماققا سۇ ئىچىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا «ئىككىلەمچى بۇلغىنىش» يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولىدۇ. دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۇڭ قاچىلىنىدىغان ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىدىكى ئىسسىق، سوغۇق ئىچكى ئايرىما بۇلۇڭىنى ئۈچ ئايغىچە يۇيمىغاندا، باكتېرىيەلەر زور مىقداردا كۆپىيىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى دېگەندەك، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئايدا بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرۇش، يازدا يېرىم ئايدا بىر قېتىم يۇيۇپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.


    3. بوتۇلكىلىق سۇنى دائىم ئىچىشكە بولمايدۇ

    بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇنى ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئىچىش ئاسان، كىشىلەر سىرتقا چىققاندا بىۋاسىتە بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇ سېتىۋالىدۇ. ئەمما بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇ پولېستېرلىق بوتۇلكىلارغا قاچىلانغاچقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەيدىغان ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىك ماددا بار، بولۇپمۇ بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا قويغاندا ياكى ئاغزىنى ئىچىپ قويغاندا، زەھەرلىك ماددىلار سۇغا ئاستا –ئاستا سىڭىپ كىرىپ، سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىككە سىرتقا چىققاندا ئامالنىڭ بارىچە سۇدانغا سۇ ئېلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق قىلغاندا ساغلام بولىدۇ ھەم مۇھىت ئاسرايدۇ.

    4. ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچسىڭىز، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى پەيدا قىلىدۇ

    كىشىلەر سۇ ئىچىش پەقەت ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دەپ ئويلايدۇ، بۇنداق ئويلاش توغرا ئەمەس، سۇ ئىچكەندە بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشى تېزلىشىدۇ، بەدەن ئۇزۇن ۋاقىت سۇسىزلانسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، ئاسانلا يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەرەللىك سۇ ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرمىگەندە، ئادەمنىڭ سۇ ئىچىش تەلىپى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا مەيلى ئۇسساڭ ياكى ئۇسسىماڭ، ئىشلىگەندە پۇرسەت تاپسىڭىزلا بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز پەيدىنپەي ئادەتكە ئايلىنىدۇ.

    5. سەھەردە تۇرۇپ سۇ ئىچمىسىڭىز، قېرىغاندا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز

    سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ئىچكەن تۇنجى ئىستاكان سۇ ھەقىقىي «ئابىھايات سۈيى» ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئادەم بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، بەدەندە نۇرغۇن مېتابولىزم ئەخلەتلىرى پەيدا بولىدۇ، سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سۇنى تاللاپ ئىچىش كېرەك:

    (1) سۈزۈك سۇ، داغ چاي، مىنېرال سۇلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.

    (2) ئازراق تۇزلۇق سۇ ئىچكەندە، قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

    (3) لىمون سۈيى ئىچكەندە، ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا پايدىلىق

    6. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچكەندە، مېڭە قان نوكچىسى شەكىللىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

    ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، ئەمما ئازراق ئىچىپ قويسا بولىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار تېخىمۇ شۇنداق. ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن، قاندىكى سۇ ئازلاپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچكەندە، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئازايتقىلى، شۇ ئارقىلىق مېڭە قان نوكچىسى شەكىللىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. قۇرغاق پەسىللەردە سۇ ئىچىپ بەرسە، نەپەسلىنىش يولىنى سىلىقلاپ، تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ.


    «بەيدۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى