• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 پىسخولوگىيە پاكىتى

    مەنبە : baijiahao.baidu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:00 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سىزنىڭچە سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟ بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىمىز دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ؟ يېقىنقى يىللاردىن بېرى مېڭە ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم چوڭقۇر يوشۇرۇنغان پىسخولوگىيەلىك پاكىتلار ئاشكارىلانماقتا. تۆۋەندىكى بىر قىسىم پىسخولوگىيەلىك پاكىتلار ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

    ئادەتتە بىز خاتىرىمىزنى قىسقا كىنو ياكى سىن ئۈزۈندىسى شەكلىدە ساقلىساق، بۇ ئۈزۈندىلەر مېڭىمىزدە بىخەتەر، ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەن ھالەتتە ساقلىنىدۇ، دەپ ئويلايمىز. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. ئۆتمۈشتىكى خاتىرىلەر ھەر قېتىم ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئازراق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

    خاتىرىمىز ئەسلىمىنىڭ يوقىلىشى ۋە يېقىندا يۈز بەرگەن ئىش ئاساسىدا ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن: بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆيىگىزگە قايسى تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ھېيتلاپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن كىچىك ئاپىڭىز ھېيت-بايراملاردا ئۆيىڭىزنى چوقۇم ھېيتلايدىغان بولغاچقا، ئەينى يىلى ئۇنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، سىز ئۇنى كەلدى دەپ ئويلايسىز.

    2. دوستىمىزنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ

    پىسخولوگىيە ئالىملىرى ۋە جەمئىيەتشۇناسلار دۇنبار نومۇرى (Dunbar’s number) دېگەن بىر ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ سان بىر ئادەمنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە كىشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مەيلى تېلېفون خاتىرىڭىز، QQ ياكى ئۈندىداردا قانچە مىڭلىغان دوستىڭىزنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز پەقەت 50~200 كىشى بىلەنلا ئەھمىيەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىيالايسىز.

    3. ئالدىراش ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئەھۋالنى ئويلاپ بېقىڭ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئايرودرومغا يۈك-تاقىڭىزنى ئالغىلى كىردىڭىز. 10 مىنۇتتا بەلگىلەنگەن نۇقتىغا باردىڭىز ۋە دەرھال يۈك-تاقىڭىزنى ئالدىڭىز.

    لېكىن ھازىر ئەھۋالدا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى. سىز يۈك-تاق ئالغىلى بارىدىغان جايغا 2 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدىغان بىر ئۇدۇل يولنى بايقىدىڭىز، ئاندىن ئۇ يەرگە بېرىپ يۈك-تاقىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن 8 مىنۇت ساقلىدىڭىز.

    يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالدا سىز يۈك-تاقىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئوخشاشلا 10 مىنۇت سەرپ قىلدىڭىز. لېكىن 2-خىل ئەھۋالدا سىز تېخىمۇ ئاسان تاقەتسىزلىنىپ نارازى بولىسىز. چۈنكى مېڭىمىز بىكار تۇرۇشتىن داۋاملىق ئىشلەپ تۇرۇشنى خالايدۇ، ھەر بىر ۋەزىپىنى تاماملىغىنىمىزدا مېڭىمىز بەختلىك ھېس قىلدۇرىدىغان دوپامىن دېگەن بىر خىل ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ مۇكاپاتلايدۇ.

    4. بىر قېتىمدا پەقەت 3~4 خىل ئۇچۇر بۆلىكىنى ئەستە ساقلىيالايمىز

    تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مېڭىمىز بىر قېتىمدا پەقەت 3~4 خىل ئۇچۇر بۆلىكىنىلا ساقلىيالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۇچۇرلار پەقەت 20~30 سېكۇنتلا ساقلىنىدىكەن. بۇ ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتسە خاتىرىمىزنى قايتا-قايتا يېڭىلىمىساق ھەممىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز.

    مەسىلەن: سىز تېلېفون ئۇرۇۋاتقاندا ئۇدىلىڭىزدىكى بىرەيلەن سىزگە بىر تېلېفون نومۇرى بەردى، لېكىن قولىڭىز بىكار بولمىغاچقا خاتىرىلەشكە ئامالسىز قالدىڭىز، شۇڭا تېلېفون نومۇرىنى يادلىۋالماقچى بولدىڭىز. قولىڭىز بىكار بولۇپ خاتىرىلىۋالغۇچە سىز بۇ نومۇرنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ ۋاقىتلىق خاتىرىڭىزنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئەستە ساقلايسىز.

    بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، ئەگەر ئۇزۇنراق ئۇچۇرنى ئەستە ساقلىماقچى بولساق، ئۇنى كودلاشتۇرۇپ ئىمكانقەدەر 3~4 كودقا يىغىنچاقلىساق بولىدۇ.

    5. كۆرۈش سېزىمىمىزدا ھېس قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ پەرقى خېلى چوڭ

    قىسقىچە ئېيتقاندا، كۆرگىنىمىز بىلەن ھەقىقىي ئەھۋال تامامەن ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مېڭىمىز سەزگۈ ئەزالىرى قوبۇل قىلغان ھەر خىل ئۇچۇرلارنى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇ كۆرۈش سېزىمى تەسۋىرىنى تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئۇنى يېشىپ بىز چۈشىنىدىغان شەكىلگە ئەكىلىدۇ.

    مەسىلەن: خەتلەرنى تېز ئوقۇيالىشىمىزدىكى سەۋەب بىز ئۇلارنى بىرمۇ بىر ئوقۇمايمىز. بىز پەقەت جۈملىنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرىنى ئوقۇپلا تەجرىبىمىزگە ئاساسەن، قالغان قىسمىنى ئاپتوماتىك تولۇقلايمىز. جۈملىدىكى خەتنىڭ تەرتىپى مۇھىم ئەمەس، پەقەت باش-ئاخىرى توغرا بولسىلا بولىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش يېزىق جەھەتتە بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا ئۇچۇرلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

    6. 30% ۋاقىتىمىزنى ئوخلىماي چۈش كۆرۈشكە زايا قىلىمىز

    سىز مۇھىم بىر ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر جۈملىنى قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم ئوقۇغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز. سىزنىڭ ئېڭىڭىز خەتنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلماستىن ئاللىقاچان باشقا يەرلەرگە كەتكەن.

    بەزى پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، بىز كۈندە %30 ۋاقىتتا ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىكەنمىز، بەزىدە بۇنىڭغا %70 ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەنمىز. بۇ يامان ئىش ئەمەس. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، خام خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئىجادچانلىققا ئىگە بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدىكەن.

    7. ئادەم ئۆمرىدە ئۈچ ئىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ: يېمەكلىك، جىنسىيەت ۋە خەتەر

    سىز كىشىلەرنىڭ نېمىشقا تاماشا كۆرۈشكە ئامراقلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ مەسىلەن : قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە تاماشا كۆرۈۋاتقانلار بۇ ۋاقىتتا تاماشا كۆرۈشنىڭ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئىختىيارسىز توختاپ تاماشا كۆرىدۇ.

    بۇ خىل قىزىقىشنى مېڭىمىزنىڭ «ھادىسە رايونى» قوزغاتقان، مېڭىمىزنىڭ بۇ رايونى ياشاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل. ئۇنىڭ رولى ئەتراپتىكى مۇھىتنى توختىماي كۆزىتىپ، ئۈچ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش: «ئۇنى يېسەك بولامدۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلساق بولامدۇ؟ ئۇ بىزگە زىيانكەشلىك قىلامدۇ؟» «يېمەكلىك، جىنسىيەت ۋە خەتەر» بىزنىڭ ياشىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۈچ ئىش، بىز ئىختىيارسىز ئۇلارغا دىققەت قىلىمىز.

    8. بىز تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا موھتاج

    يېقىندا بىر تەتقىقاتتا پىسخولوگلار مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. تاللا بازىرىغا ئىككى ئۈستەل قويۇپ، 1-نومۇرلۇق ئۈستەلگە 6 خىل، 2-نومۇرلۇق ئۈستەلگە 24 خىل مۇراببا قويغان. نەتىجىدە %60 ئىستېمالچى 1-نومۇرلۇق ئۈستەلدىكى مۇراببالارنى تېتىپ چىققان، لېكىن سېتىۋالغاندا 2-نومۇرلۇق ئۈستەلدىكى مۇراببالارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 1-ئۈستەلنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

    نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بىز ئالدىدا دېگەنگە ئوخشاش مېڭىمىز پەقەت 3~4 ئىشقىلا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ. شۇڭا، تاللاش سانى چەكلىك بولغاندا (يەنى پەقەت 6 خىل مۇراببا بولغاندا) قارار چىقىرىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

    لېكىن بىز تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىككە تەشنا بولىمىز. تاۋارلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمىز، بۇ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ 24 خىل مۇراببا تىزىلغان 2-نومۇرلۇق ئۈستەل ئالدىدا توختاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى.

    9. كۆپ ھاللاردا چىقارغان قارارلىرىمىز ئاڭسىز بولىدۇ

    ئادەتتە بىز نۇرغۇن ھەرىكەتنى تەپسىلىي پىلانلىغاندىن كېيىن قىلىمىز، دەپ ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك ھەرىكىتىمىزنىڭ %60~%80ىنى ئاڭسىز ھالدا تاماملايمىز. بۇ ئىشلارنى ئەزەلدىن ئويلىمايمىز، پەقەت ئاددىي ھالدا ئۇلارنى ئىجرا قىلىمىز.

    مېڭىمىز ھەر سېكۇنتتا مىليونلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىدۇ، مېڭىمىزنىڭ چارچاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بەزى خىزمەتلەر يوشۇرۇن ئاڭدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. چىش چوتكىلاش، كىيىم كىيىش، چىراغ ئۆچۈرۈش، ئىشىك تاقاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئويلاشمايلا قىلىمىز.

    بۇنىڭ بىر يامان تەسىرى دائىم ئۆزىمىزدىن گۇمانلىنىمىز. مەسىلەن: ئىش ئورنىڭىزغا يېتىپ بارغاندا دەزمالنى توكتىن چىقاردىممۇ-يوق، ئىشىكنى سولىدىممۇ-يوق دەپ گۇمانلىنىسىز.

    10. بىر قانچە ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قىلالمايمىز

    تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بىز بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا تونۇش پائالىيىتىنى قىلالايدىكەنمىز. بىر تەرەپتىن تېلېفون سۆزلىشىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇش ياكى بىر تەرەپتىن ئىش قىلغاچ بىر تەرەپتىن مۇزىكا ئاڭلاش، قارىماققا بىر ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىز بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى تەڭ ياخشى قىلالمايدىكەنمىز، چۈنكى مېڭىمىز بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشقا دىققىتىنى بۆلەلمەيدىكەن.

    لېكىن يەنە بىر خىل ئەھۋال بار. يەنى 2-تۈرلۈك ۋەزىپە كاللا ئىشلەتمەيدىغان جىسمانىي ھەرىكەت ياكى ھەر كۈنى قىلىدىغان ئادەتتىكى ئىش بولسا، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن: ماڭغاچ تېلېفون سۆزلىشىش دېگەندەك. بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ تېلېفون سۆزلىشىۋاتقاندا ئاسانلا دىققىتىمىز چېچىلىپ كېتىدىكەن.

    «بەيدۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى