• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھاۋا مۇزلىدى، سەكتىنىڭ ئالىدىغان ئالىدىغان ئەڭگۈشتەرلەرنى بىلىۋېلىڭ

    مەنبە : health.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:54 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مېڭە سەكتىسى ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋىپ پەيدا قىلىدىغان دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلار ئەمگەك كۈچىدىن مەھرۇم قېلىپ، تۇرمۇشتا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىيالمايدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى جېنەن شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مېڭە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋىراچ جاڭ دوختۇر تونۇشتۇرۇپ، قىش پەسىلدە مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىشى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، بولۇپمۇ شىمالدا ئەتىگەن- كەچتە ئۆي ئىچى سىرتىنىڭ تېمپۇراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى باشقا پەسىللەردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا سوغۇق ھاۋارايى كۈنلىرى قانداق قىلغاندا مېڭە سەكتىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
    قان بېسىمنى كونتىرول قىلىش

    جاڭ دوختۇر: يۇقىرى قان بېسىم بولسا مېڭە سەكتىسىنى قوزغايدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمنى كونتىرول قىلىش سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم نۇقتا، دەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىم كىشىلىرى دوختۇرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە بېسىم تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا، ئىزچىل يەپ بېرىشى كېرەك، ئۆز ئالدىغا دورا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى بىر قېتىم قان بېسىمنى ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش باسقۇچىدا، قان بېسىمنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردىكى جۇڭيى دورىسىنى چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرگەندە، قان تومۇر سپازمىسى پەيدا قىلىدىغان قان بېسىمنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۆرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا جۇڭيى دورىلىرىنى مەسىلەن: گاسترودىيە ئوتى (天麻)دىن 6 گرام، يالغان ئادەمگىياھ گۈل (三七花)دىن 3 گرام، يوپرارىيە يىلتىزى (葛根)دىن 6 گرام، پۇنۇس ئۇرۇقى (决明子)دىن 6 گرام، جۇخار گۈلى (菊花)دىن 3 گرام قاتارلىقلارنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ سىناپ بەرسە بولىدۇ.
    تاماكا تاشلاپ، ھاراقنى كونتىرول قىلىش

    جاڭ دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، تاماكا چېكىش قان تومۇرلارنىڭ ئېندوتېلىيەسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، قاندىكى ماينى بارغانسېرى ئۆرلىتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، مېڭە قان ئېقىمىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيە تارىيىشى، قېتىشىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە تاماكا چېكىش مېڭە تىقىلمىسىنى قوزغايدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى. ئاز مىقدارىدىكى ھاراق ئىستىمال قىلىش قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىسىمۇ، كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، ھەر كۈنى ھاراق ئىستىمال قىلىش مىقدارى 50 گرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك. يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە ئارتېرىيە قېتىشىشى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىك بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئىسپىرتنىڭ تەسىرىدە، سىمپاتىك نېرۋىلار ھاياجانلىنىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى، بېسىمنىڭ ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا قان تومۇر دىۋارىنىڭ تېشىلىشىنى پەيدا قىلىپ، مېڭىگە قان چۈشىدۇ.
    مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش

    يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىقى، سۇيۇق-سەلەڭ، مايسىز، تۇزسىز بولۇشى تەلەپ قىلىنىپ، پەسىلگە ماسلاشقان كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى يەپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىردەك مۇۋاپىق ئاقسىل، مەسىلەن: سۈت، پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، بېلىق، گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. چوڭ يەپ -چوڭ ئىچىش، تويۇنۇپ يەپ-ئىچىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتا گۆش، تۇخۇم ھەمدە ئۇن يېمەكلىكلىرىدىن پەرھىز تۇتۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى كونتىرول قىلىش كېرەك. قىش پەسلى قۇرغاق بولغاچقا، سۇنى كۆپ ئىچىش، قايناقسۇ ۋە سۇس چاينى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك.
    كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلاش

    يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرى كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشى، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. جىددىيلىك، تىت-تىتلىقنى ئازايتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەلنى ھەيدەپ، جىگەر خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرەكنى قۇۋەتلەپ، نېرۋىنى تېنىچلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭيى دورىلىرى بىلەن مەسىلەن: جۇخار گۈلى، گۈلسامساق، نېلۇپەر يۇپۇرمىقى، ئەتىرگۈل قاتارلىقلارنى چاي ئورنىدا ئىچىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.
    تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش

    قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۇرمۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ۋاقىت بەلگىلەپ ئارام ئېلىش، ئۇزاق مەزگىل جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر كۈنى يېرىم سائەت چېنىقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، بەدەننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىمۇنېتىت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىگە قان يەتكۈزۈلۈشىنى ياخشىلايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قىش پەسلىدە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت سىرتتا چېنىقىدىغان ئالتۇن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. ھەرىكەت ئىزچىللىقتا ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق چېنىقىشى كېرەك.
    زۇكامدىن ساقلىنىش

    زۇكام يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى قوزغىتىدۇ ۋە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا قىش پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاشقا، زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سىرتقا چىققاندا قېلىن كېيىنىپ، پوسما، پەلەي كىيىۋىلىپ، سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆي ئىچى ئىسسىق بولغاندا كىيىم-كېچەكنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك. ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تېمپۇراتۇرا پەرقىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەي، بەلگىلىك نەملىك ساقلاش، ۋاقتى ۋاقتىدا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. سوغۇق ئۆتكەندىن كېيىن، ئەگەر دۈمبە مۇزلىغاندەك، گەجگە ئاغرىغاندەك، باش قېيىپ، كۆز قاراڭغۇلاشقاندەك ھېس قىلغاندا زەنجىۋىلدىن 3 پارچە، سوڭپىيازدىن 2 تال، قارا شېكەردىن 10 گرام قاينىتىپ ئىچىپ، تەرلىنىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.

    جاڭ دوختۇر ئەسكەرتىپ: ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك نۆۋەتتىكى يۈرەك، مېڭە قانتومۇر كېسەللىكلىرى ياشلاشماقتا. شۇڭا بۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۇرمۇشتا باش ئاغرىپ، قېيىپ، قول-پۇتلار كۆيۈشۈپ، ماغدۇرسىزلانغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغاندا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك، دېدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى