• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم بۇ 5 خىل ۋاكسىنىنى ئەملىتىشى كېرەك

    مەنبە : baby.39.net
    يوللانغان ۋاقىت : 12:43 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاغرىپ قالغان تەقدىردىمۇ قالايمىقان دورا يېيىشكە بولمايدۇ،چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن دورا يىمىسە كېسەلمۇ ساقايمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە بۇنداق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ۋاكسىنىنى ئەملىسە ئانىغىمۇ، بالىغىمۇ ياخشى..

    ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن چۇقۇم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، يەلتاشما ۋاكسىنىسى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ۋە سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى قاتارلىق بەش خىل ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك، بۇلارنىڭ رولى بىلەن ئەمەلىيەتتە دىققەت قىلغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە.
    ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى

    ئانىدىن بالىغا تارقىلىش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىشنىڭ مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرىدۇر. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋېرتىكال تارقىلىدۇ، ئەگەر ئانا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولسا ياكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولسا، كېسەللىك ۋىرۇسى بالىياتقۇ ھەمراھى ئارقىلىق بالىنى بىۋاسىتە يۇقۇملاندۇرىدۇ. %90بالا تۇغۇشى بىلەنلا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بوۋاق چوڭ بولغاندىن كېيىن جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى بالىلارنىڭ ئۆسۈشىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلاش ئۈچۈن چۇقۇم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشى كېرەك.

    ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىشتە 0، 1، 6 تەرتىپىگە ئەمەل قىلىش يەنى تۇنجى قېتىم ئەملىتىپ بىر ئاي بولغاندا ئىككىنچى قېتىم ئەملىتىش، ئالتە ئاي بولغاندا ئۈچىنچى قېتىم ئەملىتىشى كېرەك. شۇڭا ، ھامىلىدار بولۇشتىن توققۇز ئاي بۇرۇن ئەملىتىش ئېلىپ بارسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بەزى كىشىلەردە ئۈچىنچى قېتىم ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئانتىتېلا ھاسىل بولمايدۇ ياكى ھاسىل بولغان ئانتېتلا سانى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەملىتىشنى كۈچەيتىشكە يەنە ئەملىتىشنى ھامىلدارلىقتىن ئون بىر ئاي بۇرۇن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

    ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى، ئۈنۈملۈك ۋاقتى يىل بولىدۇ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ، ۋاكسىنا ئەملىتىپ 5-6يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەملەتسە بولىدۇ.

    ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى

    ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى سۇ ۋە يېمەك ئىچمەك ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئوزۇقلۇق ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ يۈكى ئېشىپ، كېسەللىك ۋىرۇسلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، ناھايىتى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، شۇڭا دائىم كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ياكى دائىم سىرتلاردا تاماق يەيدىغان ئاياللار چۇقۇم ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملىتىشى ھەمدە ئەملىتىشنى ھامىلدارلىقتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن تاماملىشىڭ كېرەك.

    ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ سەككىز ھەپتە ئەتراپىدا بەدەندە ئىنتايىن كۈچلۈك ئانتىتېلا پەيدا بولۇپ ، ئىممونت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ۋاكسىنا ئەملىنىپ ئۈچ يىلغىچە ئىممۇنېت ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
    يەلتاشما ۋاكسىنىسى

    ئەگەر ھامىلدار ئاياللار يەلتاشما ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئالدىن بېشارىتى بولغان بويىدىن ئاجراش ۋە ھامىلە بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، يەنى بوۋاق تۇغۇلغان ھالەتتىمۇ تۇغما غەيرى ۋە تۇغما گاس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھامىلدار بولۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يەلتاشما ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى تاماملاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
    تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى

    بۇ بىر خىل قىسقا مەزگىللىك ۋاكسىنا بولۇپ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ۋاقتى ئارانلا بىر يىل ئەتراپىدا بولىدۇ ھەمدە پەقەت بىر نەچچە خىللا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىدا ئالالايدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ.

    بۇ خىل ۋاكسىنا ئەملىتىش ھامىلدار بولۇشىنى ئۈچ ئاي بۇرۇن تاماملىنىشى، ئەگەر ئاللىقاچان ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولسا، چۇقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.
    سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى

    ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سۇ چېچىكى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا، ھامىلە تۇغما سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە سۇ چېچىكى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ھامىلدار ئاياللار ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئادەتتە سۇ چېچىكى-بەلۋاغسىمان قاپارتما ۋىروسى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئارقىلىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ چېچىكى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئەملىتىش ھامىلدار بولۇشنى ئۈچ ئاي بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك، بۇ خىل ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئون يىلدىن ئاشىدۇ.

    «39 ساغلاملىق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى