• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۇخلاشتى بۇرۇن تېرىنى ئاسراش ئەڭ مۇھىم

    مەنبە : news.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:39 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرە مۇسكۇللىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاش كېرەك

    گىرىم قىلغاندىن كېيىنكى قالدۇق ماددىلار ۋە تېرە مۇسكۇللىرى ھاۋادا ئۇچراشقان چاڭ توزانلار تۈك تۆشۈكلىرىنى توسۇۋېلىپ، دانىخورەك چىقىپ قىچىشتۇرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارسا پېگمېنتلار چۆكۈپ داغ پەيدا قىلىپ، تېرىنىڭ قېرىشنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا تېرە مۇسكۇللىرىدىكى بۇلغىمىلارنى تەلتۆكۈس تازىلاش كېچىلىك تېرە ئاسراشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىرىنچى قەدەمدۇر. گىرىم يۇيۇش مېيى ۋە گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ تېرىنى تازىلاش، مۆتىدىل يۈز تازىلاش سۈتى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تازىلاپ، گىرىم يۇيۇش مېيى ۋە تېرە يۈزىدە قېپقالغان قالدۇق رەڭلىك گىرىمىنى بىردەك تازىلاش كېرەك.

    گىرىم قىلىش پاختىسىدىكى گىرىم سۈيى بىلەن يۈزىنى سۈرتۈش

    گىرىم سۈيى تېرىنى ئىككىنچى قېتىم تازىلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، گىرىم سۈيىنىڭ گىرىم پاختىسى بىلەن سۈرتۈش كېرەك، يۈزدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرى گىرىم سۈيىدىكى سۇ تەركىبىنى ئىنتايىن ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە گىرىم پاختىسىدىكى ئىنچىكە تالالار تۈك تۆشۈكلىرىنى تازىلاپ، تېرىگە تېخىمۇ پاكىزلىق سېزىمى ئاتا قىلىدۇ. گىرىم پاختىسى بىلەن يۈزنى سۈرتكەندىن كېيىن ئىككى قول بىلەن تېرىدىكى گىرىم سۈيىنى يېنىك ئۇرۇپ بەرسە، تېرىنىڭ گىرىم سۈيىنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    نەملىكنى ساقلاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

    تېرە مۇسكۇلىدا سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى يۈزىدىكى سېرىقلىقنىڭ نامايان بولۇشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر، كېچىسى ھۈجەيرىنىڭ ھەرىكىتى كۈندۈزدىكىگە قارىغاندا جانلىق بولىدۇ، بۇ چاغدا ھۈجەيرىگە تولۇقلانغان سۇ تەركىبى ھۈجەيرە ئارىسىدىن تېز سۈرئەتتە توشۇلۇپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى ھۈجەيرىگە تېخىمۇ تېز سۇ تولۇقلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ جەۋھىرىدە ناھايىتى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۈنۈملۈك تەركىب، خېلى كۆپ ئاكتىپ تەركىبلەر بولۇپ، مولېكۇلاسى كىچىك، سىڭىپ كىرىشى كۈچلۈك بولغاچقا، قاراتمىلىق ھالدا ئوخشاش بولمىغان تېرە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، ئاسراپ، تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ.

    يۈزگە يۈز مېيى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولنى ئىسسىتىپ يۈزگە يېقىش

    نەملىك ساقلايدىغان جەۋھەر سۈيىنى تېرە سۈمۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا نەملىك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا يۈز مېيى سورۇنغا چىقىدۇ، يۈز مېيى تولۇقلاپ بەرگەن سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئىككى قولنىڭ ئازغىنە ئىسسىق ھارارىتى يۈز مايدىكى تەركىبلەرنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈپ بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە مۇسكۇلىدىكى سۇنى تېخىمۇ ياخشى تۇراقلاشتۇرىدۇ.


    «ۋاڭيى تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى