• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ شىركىتى Galaxy S9 نىڭ كىلەر ئايدا ئېلان قىلنىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى

    مەنبە : www.sohu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:30 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چەت ئەل تاراتقۇسى zdnetنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى كوخ دوڭجىن نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2018-يىللىق خەلقارا ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى Galaxy S9 نى ئىككىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقارا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر يەرمەنكىسىدە رەسمىي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم شىركەت نامىدا 2018-يىللىق يېڭى بايراقدار يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى جەزملەشتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى Galaxy S9نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى 2016-يىلىدىكى Galaxy S7نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى بىلەن ئاساسەن بىردەك، ئەمما Galaxy S8نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىغا قارىغاندا بىر ئاي بالدۇر ھېسابلىنىدۇ.


    2018-يىللىق خەلقارا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر يەرمەنكىسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يانفون شىركەتلىرىنىڭ يەرمەنكە ئېچىلىشتىن بىر، ئىككى كۈن بۇرۇن مەھسۇلات ئېلان قىلىش ئادىتىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Galaxy S9 يانفونى خۇاۋېي P20، سونىي Xperia XZ2 ۋە LG G7 قاتارلىق يانفونلار بىلەن بىر قاتاردا 2-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

    كوخ دوڭجىننىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، سامسۇڭ 2019-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى قاتلىنىدىغان ئېكرانلىق يانفونىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ يانفوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى نامى خەۋەرلەردە دىيىلىۋاتقاندەك Galaxy X بولماستىن، بەلكى Galaxy Note يۈرۈشلۈكىگە تەۋە بولىدىكەن، قارىغاندا بۇ يانفون 2014-يىلدىكى Galaxy Note Edge يانفونىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن مەھسۇلات بولۇشى مۇمكىن.

    ئىگىلىنىشىچە، رامكىسىز يانفونىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە ئېكراننىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمىدىكى رامكا ئورنى تېخىمۇ كىچىكلىتىلىپ، ئېكران بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان. سەپلىمىلىرى جەھەتتە ئاساسى سىغىم بوشلۇقى 512GBلىق نۇسخىسىمۇ بار. بىر تەرەپ قىلغۇچىغا سامسۇڭنىڭ Exynos 9810 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋە سىناپدىراگون 845 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، سىناپدىراگون بىر تەرەپ قىلغۇچىدا يوچۇق بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بىر تۈركۈم بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلار بەلكىم كېچىكىپ بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن، ئەمما S9نىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭغا تەسىر بولماسلىقى مۇمكىن.


    «سوخۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى