• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش ھەققىدىكى خاتا قاراشلارنى تونۇۋېلىڭ

    مەنبە : health.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:12 11-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يۇقىرى قان بېسىم قان بېسىمىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى ھالەتتە تۇرۇشى بولۇپ، سەكتە، يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر ئۆسمىسى، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى قوزغاۇدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىر خىل ئارتېرىيەنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، يۈرەك، قانتومۇر، مېڭە ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەزالىق خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

    چىڭيۈەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆكرەك 5- رايون مۇدىرى سەي دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكى دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈش ۋە مېيىپلىقنى پەيدا قىلىش نىسبىتى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكىنى قوزغايدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، يۇقىرى قان بېسىم دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى باش جىنايەتچىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمنى بالدۇر بايقاپ، ئاكتىپ داۋالىغاندىلا يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم تۆۋەندىكىدەك كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكى ھەمدە بۆرەك، كۆز ۋە تۆۋەنكى بەل ئاغرىقلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %25.2 بولۇپ، بۇ ھەر 4 قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ يۇقىرى قان بېسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھالبۇكى 2002-يىلى بۇ سان تېخى %18.8 ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىزدىكى يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈزۈكسىز ئۆرلىمەكتە.

    تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. پەقەت قاننىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ خەتەرلىك ئەھۋالغا يەتكەندە، باش ئاغرىش، يۈرەك ئاغرىقى قوزغىلىش، پۈتۈن بەدەن بىئارامسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم «ئۈچ يۇقىرى ئۈچ تۆۋەن» لىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە: « ئۈچ يۇقىرى» دېگىنىمىز يۇقىرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى، يۇقىرى مېيىپلىكنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى، يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتى قاتارلىقلار؛ «ئۈچ تۆۋەن» دېگىنىمىز تۆۋەن بىلىش نىسبىتى، تۆۋەن كونتىرول قىلىش نىسبىتى، تۆۋەن دورا ئىشلىتىش نىسبىتى قاتارلىقلار.

    سەي دوختۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان خەتىرى راكتىن قېلىشمايدىكەن، ئۇ ئىنسانىيەت ھاياتىي ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئۈچ چوڭ كېسەللىكنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، بىر قاتار يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالاردا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يۈرەك، مېڭە، بۆرەك، كۆز تېگى قاتارلىق بۇ ئەزالاردا قان تومۇرلار ئىنتايىن زىچ بولغاچقا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ "نىشانلىق ئەزا"لىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر قان بېسىمى ياخشى كونتىرول قىلىنمىغاندا، قان بېسىمى داۋالغۇپ، بۇ "نىشانلىق ئەزا"لار ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قېلىنلاپ كېتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك، بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، مېڭىگە قان چۈشۈش، كۆز ئاستى قاناشتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆرۈش قۇۋىتىدىن ئايرىلىش قاتارلىق كۆپ خىل مېيىپلىقنى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا بولغان چۈشىنىشىدە نۇرغۇن خاتالىقلار مەسىلەن قان بېسىمىنى دورا يەپ نورمال قىممەتكە چۈشۈرگەندىن كېيىن دەرھال دورىنى توختىتىش؛ باش ئاغرىمىسا، قايمىسىلا ئۆزىدە يۇقىرى قان بېسىمى يوق دەپ قاراش؛ مەلۇم قوشنىسىنىڭ مەلۇم قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى يېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆيگە قايتقاندا ئۆزىمۇ سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلىش... قاتارلىقلار بار. سەي دوختۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمغا ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك بولمىغانلىق سەۋەبىدىن بۇ خاتا چۈشەنچىلەر پەيدا بولىدىكەن، شۇڭا بۇنى ماس قەدەمدە تۈزىتىش كېرەك ئىكەن.

    شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار خىيالىي قارىشىنى چۆرىۋىتىپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. دورا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلىدىغان يۈرەك، مېڭە تىقىلما كېسەللىكى، مېڭىگە قان چۈشۈش، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. بەزى ساختا ئېلانلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك كېرەك، مۇنتىزىم گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئېلانلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

    سەي دوختۇر مۇنداق دەيدۇ: نۆۋەتتە يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالايدىغان ئۈچ خىل تەدبىر بار. بىرىنچىسى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. ئاممىباب ئېيتقاندا ئاز يېيىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، سەمىرىپ كەتمەسلىك، تۇزنى ئاز يېيىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش، تۇرمۇشى قانۇنىيەتلىك بولۇش، روھىي ھالىتى ئازادە بولۇش قاتارلىقلار. بۇلارنى ئورۇندىيالىغاندىلا قان بېسىمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بەزى يېنىك يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ۋاقتىنچە دورا ئىشلەتمىسە بولىدۇ. ئىككىنچىسى، بۇ يۇقىرى قان بېسىمىنى كونتىرول قىلىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ، كۆپ ساندىكى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلىتىپ قان بېسىمىنى مۇۋاپىق دائىرىدە كونتىرول قىلىشقا ئېھتىياجلىق. ئۈچىنچى خىل داۋالاش تەدبىرى بولسا، داۋالاش سايمانلىرى بىلەن كونتىرول قىلىش. مەسىلەن: بۆرەك تومپاي نېرۋا ئوپېراتسىيەسى، بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكى قوزغىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار. بۇ داۋالاش ئۇسۇللىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ مۇددەتلىك ئۈنۈمى تېخى ئېنىق ئەمەس.

    «تېڭشۈن تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى