• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاناناسنىڭ شىپالىق رولى

    مەنبە : baike.baidu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:47 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئاناناس ئىسسىق بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى رايونلاردىن چىقىدىغان داڭلىق مېۋىدۇر، ئالاھىدە خۇش پۇرىقى بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇىشىغا ئېرىشكەن. ئەگەر ياتاق ئۆيىڭىزگە بىرەر دانە ئاناناس قويۇپ قويسىڭىز، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆي ئىچىنى قاپلايدۇ.

    ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

    ئاناناس تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C قاتارلىقلار ھەمدە تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، ناترىي، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

    ئاناناسنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئىسسىقلىقنى بېسىش، مەستلىكنى يېيىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، راكقا قارشى تۇرۇش، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازاننى تازىلاپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق رولى بار. ئاناناسنىڭ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولى بار، مۇۋاپىق مىقداردا ئاناناس يەپ بەرگەندە بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.

    ئاناناس يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، ياللۇغ ۋە سۇلۇق ئىششىقنى تۈگىتىدۇ.

    ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    بەزىلەر ئاناناس يېسە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشى، ئاناناس كېسىلىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەردە ئاناناس يەپ 15-60 مىنۇت ئىچىدە قورسىقى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بېشى قېيىش، تېرىسى قىزىرىش، پۈتۈن بەدىنى قىچىشىش، پۇت-قولى ۋە تىلى ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا شوك بولۇش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ھودۇقۇپ كەتمەي، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئاناناسقا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

    ئاناناسنى يېيىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شاپىقىنى سويۇۋېتىپ، ياپىقاللىغاندىن كېيىن سۇس تۇز سۈيىگە 30 مىۇنت چىلاپ قويۇش، ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا چىلاپ يۇيۇپ، تۇز تەمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يېسە بولىدۇ. ئاناناسنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يېسە، «ئاناناس كېسىلى» دىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    يارا كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، قان ئۇيۇتۇش فۇنكىسىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم؛ قىزىپ قالغانلار ۋە ھۆل تەمرەتكە چىققان، قىچىشقاق بولۇپ قالغانلار ئاناناسنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم.

    ئۆينى بېزەتكەندىن كېيىن، بەزىلەر غەلىتە پۇراقنى سۈمۈرتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە ئاناناس قويۇپ قويىدۇ، بۇنداق قويۇپ قويۇلغان ئاناناسنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

    ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، زەئىپلىكتىن يۆتىلىدىغانلار ئاناناسنى ھۆل پېتى يېمەسلىكى ياكى ئاناناس شەربىتى ئىچمەسلىكى، ئۇنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى لازىم.

    «بەيدۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى