• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ شىركىتى بۇيىل 12-ئايدا قاتلىنىدىغان يانفۇن ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ

    مەنبە : digi.tech.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:22 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سامسۇڭ شىركىتىنىڭ قاتلىنىدىغان يانفۇن ئىشلەپچىقرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بۇرۇنلا تارقالغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ئاخىرى بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنى ۋوجۇدقا چىقىرىش قارارىغا كەلگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتى بۇ يىل 3– ئايدىن باشلاپ قاتلىغىلى بولىدىغان OLED ئېكىرانلىق يانفۇننى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل قاتلىنىدىغان يانفۇن 2018–يىلى 12–ئايدا ياكى كېلەر يىلى يىلنىڭ بىشىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

    ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل قاتلىنىدىغان يانفۇن ئىچىگە قاتلىنىدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچى يانفۇننى خۇددى كىتابنى ئاچقاندەك ئېچىپ ئىشلىتىدىكەن. مەزكۇر يانفۇن قارىماققا ئادەتتىكى يانفۇنلار بىلەن پەرىقلەنمەيدىكەن، ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئاچقاندىن كېيىن تاختا كومپىيۇتېرغا ئوخشايدىكەن. بۇ خىل يانفۇننىڭ ئېكىراننىنى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى ئېكىران ياساش كارخانىسى Samsung Display ياسايدىكەن.


    باھاسىغا كەلسەك، بۇ خىل يانفۇننىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بازاردىكى يۇقىرى باھالىق يانغۇنلاردىنمۇ خېلىلا قىممەت ئىكەن. مەزكۇر يانفۇننىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە باھاسى كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلغىنىدىنمۇ ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن ئىكەن.


    «تېڭشۈن تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى