• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    رەۋەننىڭ شىپالىق رولى

    مەنبە : baike.baidu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:06 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    خەنزۇچە نامى: 药用大黄

    تونۇش: بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئېگىز، چوڭ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى <رەۋەن> ياكى <بىخ> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

    شىپالىق رولى: ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچىنى سۈرۈش، ئىچىنى قاتۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش، پارقىرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىگەر، تال ۋە ئۈچەيلەرنىڭ توسالغۇلىررىنى ئېچىش، يەللەرنى تارقىتىش، ئاغرىق ، جىگەر ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل ئىششىق، يۆتەل، خاپىغان، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، زىققە، سىل، ئۆپكە ۋە ئۈچەيلەرنىڭ يىرىڭلىق يارىسى، ئىستىسقا، يەرقان، تۈرلۈك ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، جىگەر، تال ئىششىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز توسۇلۇش، قەۋزىيەت، بۆرەك ۋە دوۋسۇن ئاغرىقلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: رەۋەننى ئېزىپ، سىركە بىلەن قوشۇپ ھەرخىل ئىششىقلار مايلىنىدۇ، باشقا كېسەللىكلەردە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. سۈيدۈك ۋە ھەيزنىڭ توسۇلۇشى، بۆرەك ۋە دوۋسۇننىڭ ئاغرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن سۇقۇپ ياكى قايناتما تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: قەۋزىيەتتىن باشقىلار ئۈچۈن 4-6 گرام، ئىچىنى سۈرۈش ئۈچۈن يېرىمدىن 3 گرام.

    زيانلىق تەسىرى: تېنى ئاجىزلارغا زىيانلىق.

    تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، بېھى لوئابى.

    ئورۇنباسارى: قىزىلگۈل، سۇمبۇل.

    چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ، سىچۈەن، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى