• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بۇ قېتىمقى تارقىلىشچان زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەقىقىي «قاتىل»لاردىن يىراق تۇرۇڭ

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:48 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قىش كىرگەندىن ھازىرغىچە، يەرشارىنىڭ كۆپ جايلىرىدا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆرۈلۈشى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ بايقىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى تارقىلىشچان زۇكام كۆپ كۆرۈلۈش پەسىلىگە كىردى.

    يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، كۆپلىگەن دوستلار ئارقا-ئارقىدىن ئاغرىپ يىقىلدى، يەنە بەزەن تورداشلار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا مەزمۇن يوللاپ مۇنداق دېدى، 2018- يىلىنىڭ تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، ئىشخانىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك كىشى قاتتىق قىزىتقانلىقتىن رۇخسەت سورىدى. دوختۇرخانا بولسا ئاغرىقلار بىلەن توشتى، كېسەل كۆرگىلى كەلگەن چوڭلار ۋە بالىلار ئامبۇلاتورىيەنى بىر ئالدى، يەنە ئېتىشلارغا قارىغاندا تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ ئاسما ئوكۇل ئۇرغىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن رەت كارىدورغىچە تىزىلدى.

    بۇ قېتىملىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئەلپازى خېلىلا يامان، ھەمدە كۆپلىگەن جايلاردا مەركەزلىك كۆرۈلدى، شۇڭا كۆپچىلىك ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماي، بۇ قېتىملىق «تارقىلىشچان زۇكام جىڭىگە» ئىلمىي ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرايلى.


    دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلار تارقىلىشچان زۇكام بىمارلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى

    2017-يىلى نويابىردىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋېلىپ، دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كۆرۈش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    خېبېي ئۆلكىسى بالىلار دوختۇرخانىسى نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ بىمار سانى تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى؛

    شىئەن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مىقدارى تارىختىكى ئېكسترېمۇمدىن ئېشىپ كەتتى؛

    گۇاڭجۇ جۇجىياڭ دوختۇرخانىسى بولسا، ھەتتا جىددىي داۋالاش دوختۇرىمۇ ئېغىر زۇكام بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانا ئامالسىز ئۇقتۇرۇش چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى.

    ئۈچ خىل ۋىرۇس تەكشۈرۈلۈپ چېقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئاساس قىلىدۇ

    خېبېي ئۆلكىسى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى 5-يانۋار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى سۆھبەت يىغىنىغا چاقىرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، ئۈچ خىل ۋىرۇس تەكشۈرۈلۈپ چېقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئاساس قىلىدۇ.

    خېبېي ئۆلكىسى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئورنىنىڭ باشلىقى چى شۈنشىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نىسبەتەن ئالدىنقى يىلدىكىدىن سەل يۇقىرى، بىراق ئاساسەن ئالدىنقى يىلى بىلەن تەڭلىشىدۇ، تارقىلىش دەرىجىسى يەنىلا مۆلچەر دائىرە ئىچىدە.

    ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىمە دائىرە ئىچىدە، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق

    دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي تەكشۈرۈشىدىن كۆرسىتىلىشىچە : دۆلىتىمىز نۆۋەتتە تېخى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، كونترول قىلىش بىرقەدەر تەس ھەمدە دورىغا چىدامچان ئۆزگىرىشنى بايقىمىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا كۆزلىمە دائىرە ئىچىدە ، كۆپچىلىكنىڭ قورقۇپ كېتىشى بىھاجەت.

    تارقىلىشچان زۇكام كۆپ كۆرۈلۈپ، تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلدى. بەزەن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ زۇكام بولغىنىنى كۆرگەن ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا يۈگۈردى.

    بىراق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئەسكەرتىدۇكى، چوقۇم تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئىلمىي داۋالاپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش كېرەك.

    ئاۋۋال، ئادەتتىكى زۇكام بىلەن تارقىلىشچان زۇكامنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋېلىش

    تارقىلىشچان زۇكامنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان، كۆپىنچە ھالدا كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش بىرقەدەر جىددىي، قىزىتىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ℃ 39~40 ئەتراپىدا قىزىتىدۇ، بىراق ئادەتتىكى زۇكام بولسا، كېسەلنىڭ كۆرۈلۈشى بىرقەدەر ئاستا، دەسلەپتە گال ئاغرىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەگەر بالىغا ئادەتتىكى زۇكام دەپ دىياگنوز قۇيۇلغان بولسا، ئامال بار ئۆيدە ئارام ئېلىشى كېرەك.

    ئاندىن، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى بىلىۋېلىش

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار قاتارلىق كىشى توپىنىڭ ھەريىلى ۋاكسىنا ئەملىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى: ۋاكسىنىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتىدا پەرق مەۋجۇت بولۇپ، ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كىيىن ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئاندىن تەسىر قىلىشقا باشلايدۇ. يېقىندا تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ تېنىدە كۆپ مىقداردا ئانتىتېلالار ھاسىل بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە ئوخشاش ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

    ئۇندىن باشقا، قارىغۇلارچە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى يېمەسلىك كېرەك

    قارىغۇلارچە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى يېمەسلىك، زۆرۈر بولسا ئاۋۋال قان تەكشۈرتۈش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكامنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزەن زۇكامنى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، قارىغۇلارچە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى يېمەسلىك كېرەك، بۇنداق بولغاندا زۇكامغا ھېچقانداق تەسىر قىلمايلا قالماستىن، يەنە دورىغا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، زۆرۈر بولغاندا ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈپ ئاندىن قارار چىقىرىش كېرەك.


    سوئال كەلدى

    قانداق قىلغاندا ۋىرۇستىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

    1. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش

    تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ، تارقىلىشچان زۇكامنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزدە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ۋاقتى ئادەتتە سېنتەبىردىن نويابىرغىچە، چۈنكى قىش پەسىلى تارقىلىشچان زۇكام كۆپ كۆرۈلۈدىغان پەسىل، تارقىلىشچان زۇكام پارتلاشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملىگەندە، ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىشىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ.

    2.شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش

    سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىپ قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ھەمدە ئىقىۋاتقان سۇدا قولنى يۇيۇش، بۇنداق قىلغاندا باكتېرىيە، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاممىۋىي سورۇن قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان مۇھىتقا بارغاندا ياكى ئىككى قۇلى نەپەس يولى ئاجرالمىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دەرھال قول يۇيۇش كېرەك.

    ئۇندىن باشقا، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە قولياغلىق ياكى قول قەغىزى بىلەن بۇرۇننى توسۇۋېلىپ، باشقىلارنىڭ تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    3.دېرىزىنى ئىچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش

    قىش پەسىلىنىڭ كىرىشى، ھاۋانىڭ سوۋۇشى، كۆپچىلىكنىڭ دېرىزىنى ئىچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈردى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بويان، تۇمان- تۈتەك ھاۋانىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى سەۋەبلىك، دېرىزىنى ئاچىدىغانلار تېخىمۇ ئازلىدى، بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، دەل مۇشۇنداق ئامىللار، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا ئەڭ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.

    4.قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش

    قارشىلىق كۈچى ياخشى بولسا، كېسەلمۇ تەبىئىي ھالدا ئىزدەپ كەلمەيدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ھەممىسى بىزگە ئۇقۇمۇشلۇق قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ئاماللار، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سەل قارايدىغىنى، قارشىلىق كۈچىنى يەنە «يېيىش» ئارقىلىقمۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

    مەسىلەن پىياز بىلەن سامساق، ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى ، مول بولغان ۋىتامىن c ، مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    5. مۇۋاپىق كىيىم كىيىش

    قىش پەسىلىدە كىيىم كىيىشمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش، شۇڭا قىش پەسىلدە مۇۋاپىق كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى