• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياشانغانلار قانداق قىلغاندا ساغلام بولىدۇ

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:42 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ياشانغانلار ياش چوڭلىغانسېرى ئۆزىنى تېخىمۇ قېرىپ كېتىۋاتقاندەك، بارغانسېرى كارغا كەلمەيۋاتقاندەك، باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىنىپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، روھىي دۇنياسىنى غېرىبلىق بېسىۋالىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ناچار روھىي-كەيپىيات ئۇزاق داۋاملاشسا، ياشانغانلار ئوڭايلا تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولۇپ، ھاياتلىق سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. چۈنكى، ياشانغانلارنىڭ كېسەللىنىشى ئۇلاردىكى پسىخىك ئامىلى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. خوش، ئۇنداقتا، ياشانغانلار قانداق قىلغاندا «ياشلىق» نى ساقلاپ قالالايدۇ؟

    كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلىغاندا كېچىكتۈرمەستىن، ۋاقتىدا كۆزئەينەك بىلەن نائۇشنىك ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش داۋامىدىكى ئىشلارغا زور دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ؛ يېنىغا قەلەم ۋە كىچىك خاتىرە دەپتەر ئېلىۋېلىپ، ئۆزلىرى ئۇچراتقان، ئاڭلىغان ياكى ئويلىغان مۇھىم ئىشلارنى خاتىرىلەپ ماڭغاندا، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ مېڭىشتا قىينالغان ھامان ھاسا ئىشلىتىپ، ماڭغان چاغدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.

    يېڭى بىلىم، يېڭى ئۇچۇرلارنى ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم. دائىم گېزىت- ژۇرنال ئوقۇپ بېرىش، پەن-تېخنىكا، ساغلاملىققا ئائىت يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، ياشانغانلار لېكسىيىسى ياكى كۆرگەزمىسى دېگەندەك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرۇش كېرەك. ئۆزىگە خاس بولغان قىزىقىشنى قەتئىي ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇش، مەسىلەن، ئىلمىي دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، كىتاب ساقلاش، خەتتاتلىق، رەسساملىق، ئائىلە باقمىچىلىقى، شاھمات ئويناش، چېنىقىش ... دېگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلار تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

    تاماقلىنىش، دەم ئېلىش چوقۇم رېتىملىق، قائىدىلىك بولۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا ياشانغانلار تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشۈپ، ئۇلار تەكشى ۋە رىتىملىق بولغان تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىپلا قالماي، مۇھىمى بۇ خىل رىتىملىق تاماقلىنىش، دەم ئېلىش ئادىتى ياشانغانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئىمكانقەدەر ئۆزى قىلىش لازىم. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئائىلىسىدىكلەرنىڭ يۈكىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؛ ئەنئەنۋىي قاراشلار ۋەياكى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ياشلارنى تىزگىنلەشكە ئورۇنماسلىق، ياشلارنىڭ ئىشىغا كۆپ ئارىلاشماسلىق، ئائىلىدىكى ئىشلارغا نىسبەتەن «بىر كۆزنى كۆرمەس، بىر قۇلاقنى ئاڭلىماس» قىلىپ، ئۆزىنى زىيادە كۆپ ئۇپراتماسلىق؛ ئاچچىقلانماسلىق، كوتۇلدىماسلىق كېرەك.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى