• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يۈرەككە پايدىلىق مېۋە- چىۋە، كۆكتاتلار

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:39 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يۈرەككە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەردىن بىزگە تونۇشلۇق بولغان كۆك چاي، شاكلات، سۇلۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بەرگەندىمۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ %30 خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    ئۆرۈك مېغىزى:

    ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك خولېسېرىن بولۇپ، بۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ناچار خولېسېرىننى ئازايتىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    شوخلا:

    شوخلا تەركىبىدىكى مول توماتىننىڭ يۈرەك، قان تومۇرنى قوغداش رولى بار بولۇپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

    تاتلىقياڭيۇ:

    ئۇنىڭدا يۇقىرى تالا ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قالغان ئارتۇقچە كېسلاتالىق تەركىبنى نېيتراللاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدىكى كوللاگېن ھەمدە يېپىشقاق كۆپ قەنتلىك ماددا ئارتېرىيە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.

    پالەك:

    پالەك قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

    تۇرۇپ:

    تەتقىقاتچىلار تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرا ياش- ياشانغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ۋە يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    قارا پۇرچاق:

    قارا پۇرچاق تەركىبىدە سىنىك،كىتون، ماگنېي، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتەك مۇھىم رولغا ئىگە، كۈندە ئازراق قارا پۇرچاق ئىسېمال قىلغاندا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    قارا قېرىنقۇلاق:

    قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدىكى قان پىلازمىسىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان ماددا ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.

    ئانار: ئانارنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئاشقازان جاراھىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىپ، قاندىكى ياغ ۋە شېكەر ماددىسىنى، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىۋېتىشتەك رولىغا ئىگە.

    چېچەكسەي:

    چېچەكسەينىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلىنى تەڭشەش رولى بار.

    كۈدە: كۈدىدىكى مۇچ ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، مىتابولىزىمنى غىدىقلايدىغان تەبىئىي قان زەرداربى ھېسابلىنىدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى