• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سەپەردە ئاپتوموبىلنى تېز رېمونت قىلىش ئۇسۇلى

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:36 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سەپەرگە چىققاندا ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆرۈڭ.

    *ماي باكى تېشىلسە:

    سەپەردە باكتىن ماي ئاقسا، تېشىلگەن ئورۇننى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، سوپۇن ياكى سېغىزنى تېشىلگەن ئورۇنغا چاپلىسا ماي ۋاقتىنچە ئاقمايدۇ، ئېپوكسى سىمولا يىلىملىق يېپىشتۇرغۇچ بىلەن چاپلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    *ماي تۇرۇبىسى يېرىلسا:

    يېرىلغان ئورۇننى پاكىز سۈرتۈپ سوپۇن سۈرۈپ پىلاستىر ياكى رەخت بىلەن يۆگەپ ئۈستىگە يەنە سوپۇن سۈرسەك بولىدۇ.

    *ماي تۇرۇبىسى ئۈزۈلسە: ماي تۇرۇبىسىنىڭ دىئامىتېرىغا ماس كېلىدىغان رېزىنكە ۋە سۇلياۋ تۇرۇبىنى تېپىپ ئۇلىساق بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ئۇچىنىڭ ھىملىشىشى ياخشى بولمىسا، سۇلياۋ يالتىراقنى تۇرۇبا ئۇچىغا يۆگەپ ئۇلىساق ياكى سىرتىدىن يۆگىسەك بولىدۇ.

    *سىلىندىر قاپقىقىدىن سۇ ياكى ماي ئاقسا:

    تېشىلگەن ئورۇنغا باراۋەر كېلىدىغان توكچىلار ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك سىمىنى تۆشۈككە نىقتاپ تىققاندا ماي ۋە سۇنىڭ ئېقىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقىلى بولىدۇ.

    *ماي تۇرۇبىسى ئۇلانغان ئورۇندىن ماي ئاقسا:

    بۇنداق ئەھۋالنى ئادەتتە تۇرۇبا كانايچە ئېغىزى بىلەن تۇرۇبا گايكىسىنىڭ ھىم بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، داكىنى كانايچە ئېغىزى ئاستىغا ئوراپ ئاندىن گايكىغا تۇرۇبا بېشىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ.

    *سۇ كىرىش-چىقىش يۇمشاق تۇرۇبىسى يېرىلسا:

    يېرىلغان ئورۇن زىيادە چوڭ بولمىسا، يېرىلغان ئورۇنغا سوپۇن سۈرتۈلگەن رەختنى چىڭ ئورىساق بولىدۇ؛ يېرىلغان ئورۇن چوڭراق بولسا ئۇ يەرنى كېسىۋېتىپ سۇلياۋ تۇرۇبا ياكى تۆمۈر تۇرۇبا ئۇلاپ تېڭىۋەتسەك بولىدۇ.

    *شامالدۇرغۇچ تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە:

    ئۈزۈلگەن تاسما ئۇچىنى چىڭ باغلاپ ياكى قايتا-قايتا قوزغىتىپ تەدرىجىي تېزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

    *ۋېنتا تۆشۈكى سىلىقلىنىپ رولىنى يوقاتسا:

    بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ماي ئېقىش ياكى شاتۇن بوشاپ خىزمەت قىلىش نورمال بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شاتوننى بولقا بىلەن يېنىك ئۇرۇپ، سوقىچاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ سالساق بولىدۇ.

    *پەردە ياكى ماي يوللاش پومپا پەردىسى يېرىلسا ياكى ئۈزۈلسە:

    ماي پومپا پەردىسىنى چىقىرىپ، پاكلىت تاختا، توكچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىزولياتسىيە تاختىسى ياكى سۇلياۋ رەختنى ئەسلىدىكى پەردە شەكلىدە ياساپ پاكىز سۈرتۈۋېتىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى