• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتوموبىلىڭىزدىكى قۇش مايىقىنى تازىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىڭ

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:34 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بەزى كىشىلەر ئاچقۇچ، كىچىك پىچاق قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەر بىلەن ئاپتوموبىلىغا چاپلىشىپ قالغان نەرسىلەرنى قىرىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا چاپلىشىپ قالغان نەرسىلەر پاكىزە چىقمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا،ئاپتوموبىل سىرى ئاسان بۇزۇلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاپتوموبىل ئۈستىدىكى قۇش مايىقىنى قانداق تازىلاش كېرەك.

    1. تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش. سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئاپتوموبىل تازىلاش سۇيۇقلۇقى ياكى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان نېيتراللىق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قۇش مايىقى ئۈستىگە چېچىپ، قەغەز بىلەن ئېرتىۋېتىپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى چېچىپ، يۇمشاق لاتا بىلەن پاكىزە ئېرتىۋەتسەكلا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ﮬەر قانداق چىڭ چاپلىشىپ قالغان مەينەتلەرمۇ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

    2. ﮬۆل قەغەز. سەپەرگە چىققاندا، تازىلاش سۇيۇقلۇقى بولمىسا، ﮬۆل قەغەز بىلەن ئېرتىشقىمۇ بولىدۇ. ﮬۆل قەغەرنى قۇش مايىقى ئۈستىگە قويۇپ، ﮬۆل قەغەزدىكى ئىسپىرت ئارقىلىق، قېتىپ قالغان قۇش مايىقىنى ئېرىتىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، قولايلىق بولغاندا تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېرتىۋېتىش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى: تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى تاللىغاندا چوقۇم ئاسفالىتلىق تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئېلىش كېرەك، بۇنىڭ قۇش مايىقى،دەرەخ يىلىمى قاتارلىقلارنى تازىلاشتىكى ئۈنۈمى يۇقىرى.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى