• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتوموبىلدىن غەيرىي ئاۋاز چىقسا...

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:33 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئۇرۇلغان ئاۋاز.

    تۆمۈر زاپچاسلارنىڭ بىر بىرىگە ئ‍ۇرۇلغان چاغدىكى ئاۋازنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مۇقىملاشتۇرۇشقا جازىسىنىڭ ئۇزاق مەزگىل سۈركىلىپ ئۇپرىشىدىن بوشىشىپ قالغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    قاتتىق تاقىلدىغان ئاۋاز.

    ئاپتوموبىلنىڭ موتورىدا خۇددى ئىشىك قاققاندەك تاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كونىرغانلىقى ياكى ئوققازان، موتور قاپقىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    يېنىك تاقىلدىغان ئاۋاز.

    جۇمۇ ئىشىكنى يېنىك قاققاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ، سۈپىتى ناچار بېنزىن قۇيغانلىقتىن گۇمانلانسا بولىدۇ.

    گىژىلدىغان ئاۋاز.

    خۇددى شارنىڭ يېلى چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئاۋاز ئاڭلىسا، بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى سوۋۇتۇش سېستىمىسىدىن كاشىلا چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    چىكىلدىغان ئاۋاز.

    ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئوقنىڭ يۆنىلىش ھالقىسىدا كاشىلا چىقسا ئاپتوموبىللاردا چىكىلىدىغان ئاۋاز پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چاق ئارىسىغا تاش پارچىلىرى كىرىۋالسىمۇ مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىدۇ.

    ۋىژىلدىغان ئاۋاز.

    ئاپتوموبىل ئايلانغاندا شامالدۇرغۇچنى ئايلاندۇرۇش رېزىنكىسى بوشاپ قالغانلىقى ياكى سۈركىلىپ بۇزۇلغانلىقى سەۋەبلىك ئاپتوموبىلدا ۋىژىلدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.

    گىژىلدىغان ئاۋاز.

    بۇ خۇددى ھەرىنىڭ گىژەلدىغىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل مەلۇم زاپچىسىنىڭ بوشىشىپ قالغانلىقى، موتورنىڭ تېگىدىكى سۇلياۋ يىلىمى ياكى مېتال زاپچاسنىڭ بوشىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    گۈركىرگەن ئاۋاز.

    بۇ چاق، پىرىسلىغۇچ ياكى سۇ پومپىسەدەكى ئوققازاننىڭ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچتىن كاشىلا چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    غەيرىي ئاۋاز.

    بۇ ئاساسلىقى گېنېراتورنىڭ كونىرغانلىقى سەۋەبلىك بولىدۇ.

    چىرقىراق ئاۋاز. بۇ قۇلاقنى ئ‍اغرىتىدىغان ئ‍اۋاز بولۇپ، ئادەتتە تورمۇزدىن كاشىلا چىققانلىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى