• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئادەمنى بىزار قىلىدىغان 6 خىل شوپۇرلۇق ئادىتى

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:31 10-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1. قالايمىقان سىگنال بېرىش

    سىگنال بېرىش ئەسلى تۆت ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم شوپۇرلار سىگنال بېرىشكە «خۇمار بولۇپ قالغان». ئەمەلىيەتتە ھەددىدىن زىيادە كۆپ سىگنال بېرىش ناھايىتى ئاسانلا پىيادىلەر ۋە شوپۇرلاردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئىككى قېتىم سىگنال بەرگەندە باشقا ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنى ئەسكەرتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. سىگنال بېرىش قولايسىز بولغاندا، ئەھۋالغا قاراپ سىگنال ئورنىغا چوڭ چىراغنى چاقنىتىشقا بولىدۇ، ئەگەر پىيادىلەر بولسا، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، پىيادىلەرگە يول بېرىش كېرەك. ئەگەر سىز ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا، ئارقىدىكى شوپۇرنىڭ قاتتىق سىگنال بېرىشىگە ئۇچرىسىڭىز، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئارقىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ باشقا يول بىلەن يانداپ ئۆتۈشىنى ساقلاڭ، ھەرگىزمۇ باشقا ئاپتوموبىلغا يول بېرىش ئۈچۈن، خەتەرلىك ھەيدەش ئۇسۇلىنى قوللانماڭ. قاتتىق سىگنالنى ئاڭلىغاندا، يۈرەكئالدى بولۇپمۇ كەتمەڭ، ئاچچىقلانماڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، چۈنكى بىخەتەرلىك بىرىنچى.

    2.ئۆچرەتتە تۇرماي مەجبۇرىي قىسىلىۋېلىش

    يول توسۇلۇپ قالغاندا، ئەگەر ھەممە ئادەم قائىدىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە ئاستا بولسىمۇ، ھېچبولمىغاندا توسۇلۇپ تۇرۇپ قالمايدۇ. بىراق بىر قىسىم قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان شوپۇرلار ھەممىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھېچكىم ماڭالماي توسۇلۇپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن شوپۇرلار قالايمىقان قىسىلىۋېلىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەنە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئەگەر ئېلېكتىرونلۇق كۆز سۈرەتكە تارتىۋالسا، جەرىمانە قويۇلغاندىن سىرت يەنە نومۇر تارتىلىدۇ.

    3.سېرىق چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش

    سېرىق چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش گەرچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ھاللاردا بېكىتمەك قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن سېرىق چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشلىرىغا جازا بېرىلمىگەچكە، نۇرغۇن شوپۇرلاردا تەلەي سىناش پىسخىكىسى پەيدا بولغان، بىراق سېرىق چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش بىر خىل خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشى بولۇپ، «مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك» ناھايىتى ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرۇشىمىز، يول ئېغىزىغا كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، چىراغنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشىمىز، بولۇپمۇ پىيادىلەر توغرا يولىغا كەلگەندە، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، پىيادىلەر ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

    4.ئاپتوموبىلدىن قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش

    ئاپتوموبىلدىن ئەخلەت تاشلايدىغانلار ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئويلاشمايدۇ، ئاپتوموبىلدىن تاشلانغان ئەخلەت ۋاقتى كەلگەندە يەنە «بومبا»غا ئايلىنىپ، ئويلاپ باقمىغان ھادىسە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

    5.مەجبۇرىي يول ئۆزگەرتىش

    مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەجبۇرىي يول ئۆزگەرتىش ئەخلاقسىز ھەم قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. ھېچقانداق شەپە بەرمەيلا تۇيۇقسىز يول ئۆزگەرتكەندە، ئارقىدىكى ئاپتوموبىل تەدبىر قوللىنىشقا ئۈلگۈرەلمەي، ئازراق ئېھتىياتسىزلىق قىلسىلا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ زىيان سالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.

    6.باشتىن- ئاخىر يىراقنى كۆرۈش چىرىغىنى ياندۇرۇۋېلىش

    كېچىسى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يىراقنى كۆرۈش چىرىغىنى ياندۇرۇش بەك ئەيىبلەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، بىراق ئاپتوموبىللار بىلەن ئۇچراشقاندا چىراغ ئالماشتۇرۇشنى بىلمىگەندە باشقىلارنى ناھايىتى «زەخىملەندۈرىدۇ». يىراقنى كۆرۈش چىرىغىدىن چىققان كۈچلۈك نۇر قارشى تەرەپتىن كەلگەن شوپۇرنى قىسقا ۋاقىت «قارىغۇ» قىلىپ قويۇپ، ھادىسە پەيدا قىلىدۇ.

    ياخشى بولغان شوپۇرلۇق ئادىتى شوپۇرلارنىڭ ساپاسى ۋە بىخەتەرلىك كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلىغاندا، ئۆزىمىزگىمۇ قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ. يول ئۆزىمىزنىڭ بولمىغان ئىكەن، ئۆزىمىز خالىغانچە ماڭساق بولمايدۇ، شوپۇرلار بىخەتەرلىك كۆز قارىشىمىزنى كۈچەيتىشتىن باشقا، ياخشى ئەخلاق ساپا يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى