• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ماشىنىڭىز قىشتا توڭلاپ قالسا....

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:46 09-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1. ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى توڭلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    ماشىنىڭىزنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى قىزدۇرۇش ئىقتىدارى بولسا، بۇ مەسىلە ناھايىتى ئاسانلا ھەل بولىدۇ. ناۋادا بولمىسا، بىر بوتولكا قىزىق سۇ تەييارلاپ، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئۈستىدىن قۇيۇڭ، مۇز ناھايىتى ئىتتىكلا ئېرىپ كېتىدۇ. ئاندىن سۈرتكۈچتە پاكىزە سۈرتۈۋېتىڭ. ناۋادا بۇ ئامال كارغا كەلمىسە، كىرەكسىز بانكا كارتىسى تېپىپ، مۇزنى بىر خىل يۈنىلىشتە قىرىڭ، قىرغاندا بەك قاتتىق كۈچەپ كەتمەڭ.

    2.يان ۋە ئالدى ئەينەكلىرى توڭلاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك

    ئالدى بىلەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قىزىتىڭ، ئاندىن ماشىنا گەۋدىسى ۋە ئەينەك يۈزىدىكى قار-مۇزلارنى چۈشۈرۈڭ. بۇ ئارىلىقتا ماشىنىڭىز قىزىپ تەييار بولىدۇ. ئاندىن ماشىنا ئىچىگە كىرىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىسسىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ، ئالدى ئەينەكنى ئىسسىتىش ئەندىزىسىگە تەڭشەپ قويۇڭ. شۇنىڭ بىلەن ئالدى ئەينەككە ئىسسىق ئۆتۈشكە باشلايدۇ-دە، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەينەك يۈزىدىكى قار-مۇزلار ئۆزلىكىدىن ئىرىپ كېتىدۇ.


    3.ئەينەك سۈرتكۈچى توڭلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    ئەينەك سۈرتكۈچى توڭلاپ قالغان بولسا، ھەرگىز كۈچەپ ئاجراتماڭ ياكى ئۇنىڭغا ئىسسىق سۇ قۇيماڭ، چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز ئەينەك سۈرتكۈچىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ قېلىشى، ئەينەككە چاك كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ توغرا ئۇسۇلى مۇنداق: ماشىنا قىزىغاندىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىسسىق شامىلىنى ئېچىپ، شامال يۈنىلىشىنى ئالدى ئەينەك تەرەپكە توغرىلاڭ، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قار-مۇزلار ئۆزلىكىدىن ئىرىپ كېتىدۇ.

    4.ئىشىك قۇلۇپى توڭلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    بۇ ئەھۋالغا يولۇققىنىڭىزدا، ئەڭ ياخشى چارىسى چاچ قۇرۇتقۇچنى قۇلۇپ ئۈزىكىگە توغرىلاپ كۈچلۈك شامال پۈۋلەش، بۇنىڭدا ئىشىك تىزلا ئېچىلىدۇ. ناۋادا چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلىتىش ئەپسىز بولسا، ئاچقۇچنى چاقماق ئارقىلىق قىزىتىپ، ئاندىن قۇلۇپقا ئاستا سالسىڭىز، قۇلۇپ تۈشۈكىدىكى مۇزلار يوقىرى تىمپىراتۇرىدا تېزلا ئېرىپ كېتىدۇ.

    5.ئىشىك توڭلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    ئىشىك توڭلاپ قالسا بۇ سەل ئاۋارىچىلىق. ئەڭ ياخشى چارىسى قىزىق سۇنى ئۈستىدىن قۇيۇش. ئەمما بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن ئىشىك يوچۇقلىرىدا تۇرۇپ قالغان سۇلارنى چوقۇم پاكىزە سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىڭ. بولمىسا ئىشىك يۇچۇقلىرىدا تېخىمۇ قېلىن مۇز تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماشىنا ئىچىگە كىرىشنىغۇ كىردىڭىز، لېكىن چىقالماي قېلىپ... بۇ چاغدا ئەسكەرتىپمۇ قويماپتۇ دەپ بىزدىن رەنجىپ يۈرمەڭ يەنە.

    6.قول تۇرمۇز توڭلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    ئالدى ۋە كەينى تەرەپتە تۇسالغۇ يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ماشىنىنى بىرىنچى خوتقا ياكى ئارقا خوتقا ئېلىپ، ماي پىدالىغا يىنىك دەسسەڭ-دە، ماشىنىنى ئالدى-كەينىگە ماڭدۇرۇڭ. ئەگەر ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، دامكرات ئارقىلىق ماشىنىنىڭ ئارقا چاقىنى بىربىرلەپ كۆتۈرۈپ، چاققا كۈچەپ تىپىپ ئۇنى ئايلاندۇرۇڭ.

    7.چاق توڭلاپ قالسا قانداق قىلىمىز

    چاق توڭلاپ قالسا ھەرگىز قاراملىق قىلماڭ. ئالدى تۆمۈر قىرغۇچ ئارقىلىق مۇزلارنى قىرىۋېتىڭ، لېكىن چاق بالونىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. ئاندىن يوقىرقى چارىنى ئىشلىتىپ، ماشىنىنى بىرىنچى خوتقا ياكى ئارقا خوتقا ئېلىپ، ماي پىدالىغا يىنىك دەسسەپ ياكى ئاستا سۈرئەتتە ماشىنىنى ئالدى-كەينىگە ماڭدۇرۇڭ.

    8.ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقى توڭلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

    ناۋادا ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەكچى بولغىنىڭىزدا سۇيۇقلۇق لىق قاچىلانغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ پۈركۈلمىسە، بۇ ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقىنىڭ توڭلاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش مەشغۇلاتىنى قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا پۈركۈش قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

    ناۋادا ھاۋا بىر قەدەر ئوچۇق بولسا، چۈش مەزگىلىدە ماشىنىنى ئاپتاپقا توختىتىپ، ماشىنىنىڭ ئالدى قاپقىسىنى ئېچىپ قويۇڭ، ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقى قاتتىق توڭلاپ كەتمىگەنلا بولسا بىر دەمدىلا ئېرىيدۇ. ناۋادا بۇ ئامال ئۈنۈم بەرمىسە، ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقى قاچىسىغا ئازراق قىزىق سۇ قۇيۇڭ، سۇيۇقلۇق ئېرىگەندىن كېيىن يەنە توڭلاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى دەرھال ئاقتۇرۇۋېتىڭ.

    ماشىنا توڭلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

    ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ماشىنىنى ئۆي ئىچىگە توختىتىپ قويۇش. پەقەتلا ئىمكان بولمىسا، ماشىنا توڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

    ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدە مۇز تۇتۇشى ماشىنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىمپىراتۇرا پەرقىدىن بولىدۇ. ماشىنا ئىچىنىڭ تىمپىراتۇرىسى يوقىرى بولسا، ئەينەك يۈزىدىكى قىراۋ (قار) ئېرىپ كېتىدۇ ھەمدە تىمپىراتۇرا چۈشكەندىن كېيىن ئەينەك يۈزىدە مۇز تۇتىدۇ. شۇڭا، ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن، ماشىنا ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، ئىچ تىمپىراتۇرىسىنى سىرتنىڭكى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈڭ، بۇنىڭدا ئالدى ئەينەك يۈزىدە مۇز توڭلاش ئېھتىماللىقىنى خېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھەتتاكى مۇز تۇتماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەينەك يۈزىگە قەغەز ياكى پىلاستىك يۇپۇق يېپىپ قويسىڭىزمۇ مۇز تۇتۇشنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلمىسىڭىز، قەغەز ياكى پىلاستىك يۇپۇقمۇ ئەينەك يۈزى بىلەن تەڭ توڭلاپ قېلىش دېگەندەك ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

    بۇنىڭدىن سىرت، ئەينەك سۈرتكۈچىمۇ نەزىرىڭىزدىن ساقىت قالمىسۇن. مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق ھاۋادا قار يېغىپ قالسا، ئوچۇقچىلىققا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ ئەينەك سۈرتكۈچى ئاسانلا توڭلاپ قالىدۇ-دە، ماشىنىنى ھەيدەشكە ئامالسىز قالىسىز. شۇڭا، ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى سۈرتكۈچىنى ئەينەك يۈزىدىن ئاجرىتىۋېتىڭ. بۇنىڭدا سۈرتكۈچ بىلەن ئەينەك توڭلاپ قېلىپ ئاجرىتالمايدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلىسىز.

    بۇنىڭدىن باشقا، قولدا ياسىۋالغان ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇ تەركىبى كۆپ بولۇپ كەتسە، ناھايىتى ئاسانلا توڭلاپ قالىدۇ-دە، ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالىسىز، شۇڭا قار-مۇزلۇق مۇھىتتا ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس ئىشلەنگەن ئەينەك سۈرتۈش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىڭ.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى