• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بەيدۇ Apollo2.0 سېستىمىسى قوللىنىلغان ئادەمسىز ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلدى

    مەنبە : tech.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:31 09-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا، بەيدۇنىڭ سانتا كلارا جىلغىسىغا جايلاشقان تەتقىقات مەركىزى تاراتقۇلارغا ئېچىۋىتىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارغا Apollo ئوچۇق سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى جەھەتتىكى تەتقىقات مىۋىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئادەمسىز ئاپتومۇبىلنى سىناق قىلدى.

    سىناق بەيدۇنىڭ ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى نىۋېرغا جايلاشقان تەتقىقات مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى 2017–يىلى 10–ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 3400 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

    سىناقتا ئادەمسىز ئاپتوموبىل تەتقىقات مەركىزىنى ئايلىنىپ كالفورنىيە شىتاتىنىڭ شەھەر ئوچۇق يولىدا بىر ئايلىنىپ چىققان.

    بۇ قېتىملىق سىناقتىكى بەيدۇ ئادەمسىز ئاپتوموبىلغا يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئاشكارلانغان Apollo2.0 سېستىمىسى قوللىنىلغان، Apollo2.0 سېستىمى ئاددىي بولغان شەھەر يولىدا ئاپتوماتىك ھەيدىلىدۇ. تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان كۈنى سىم–سىم يامغۇر ياغقان بولۇپ، ئاپتوموبىل ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، پۈتكۈل تەجرىبە جەريانىدا ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك يول ئۆزگەرتىش، ئاپتوماتىك كەينىگە ياندۇرۇش ھەمدە قىزىل،يېشىل يول چىراقلىرىنى پەرىقلەندۈرۈش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى تاماملىغان.

    ئاپتوموبىلنىڭ كەينى ساندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى كوپمىيۇتېر ئادەمسىز ئاپتوموبىلنىڭ چوڭ مېڭىسى بولۇپ، ئۇلار سېزىمچان ئاپپارات يىغقان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا مۇلاھىزە يۈزگۈزۈش، ئاخىرىدا قارار چىقىرىشقا مەسئۇل ئىكەن.

    «تېڭشۈن تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى