• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قوش قاپاق كەستۈرۈپ ئامىتى كەلگەن 6 چوڭ چولپان

    مەنبە : baijiahao.baidu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:33 09-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چولپان جاڭ يۈچى ئەسلىدە يالاڭ قاپاق ئىدى، لېكىن «چياڭجياڭ 7-نومۇر» سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان جەرياندا ئوغرىلىقچە بېرىپ قاپىقىنى كەستۈرىۋالغان. نەتىجىدە جوۋ شىڭچىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن، فىلىمىدىكى ئوبرازنىڭ فىلىم ئالدى كەينىدە ئوخشىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى يالاڭ قاپاق ھالىتىگە قايتۇرۇشغا بۇيرىغان.

    تاق قاپاق ۋاقتىدىكى لو جىشياڭ پەقەت نام چىقىرالمىغان ئىدى، لېكىن تۇيۇقسىز «يىڭنە ئاسقۇ» چىقىپ قېلىش باھانىسى بىلەن قوش قاپاققا ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كېلىشكەن قىياپىتى نۇرغۇن قىزلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.

    چېڭلۇڭمۇ ئەينى چاغدا ئەگەشمە روللارغا چىقاتتى، ئۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ باققان، قوش قاپاق كەستۈرگەن، كېيىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقئارادا نامى بار گۇمپا چولپىنىغا ئايلانغان.

    لىۋېن ئەينى يىللىرى لى مېيلىن نامى بىلەن تەيۋەن ناخشا ساھەسىنى كېزىپ يۈرگەن چاغلىرىدا سېپى ئۆزىدىن بىر يالاڭ قاپاق ئىدى، كېيىن ئۇنىڭ بىر جۈپ سۆزلىيەلەيدىغان چوڭ كۆزى بار بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكا ناخشا ساھەسىدە نام چىقىرىپ، خەلقئارالىق چولپان بولۇپ قالدى.

    ئەسلىدە شياۋ ياشۈەن نامى چىققان يالاڭ قاپاقلىق چولپان ئىدى، كېيىن ئۇ قوش قاپاق كەستۈرگەن ۋە ئوچۇق ئاشكارا ئىقرار قىلغان، بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن.

    يالاڭ قاپاقلىق ئەگەشمە رولچىدىن قوش قاپاقلىق جوۋ شىڭچىغىچە. شىڭ بەگزادە ئاز ساندىكى قوش قاپاق كەستۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان ئەر چولپانلارنىڭ بىرسى. دەسلەپتە ئۇ كۆپ يىل ئەگەشمە رولچىلىق قىلغان، قوش قاپاق كەستۈرگەندىن كېيىن، خىزمىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالغان، بەلكىم قوش قاپاق كەستۈرۈش ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كەلگەن بولسا كېرەك.
    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى