• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كىتاب كۆرۈشتىمۇ ئىلمىيلىك بولۇش كېرەك

    مەنبە : uyghur.people.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 16:04 08-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئادەتتە كىشىلەر كىتاب كۆرگەندە، ئىلمىي بولغان كۆرۈش ھالىتىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، مۇنداق بولغاندا ئاسانلا كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، كىتاب كۆرگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    1.ئاپتوموبىلغا چىققاندا كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك. ئاپتوموبىلدا ئادەم كۆپ، يورۇقلۇق يېتەرلىك ئەمەس، ئەگەر مۇنداق مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت كىتاب كۆرگەندە، كۆزگە چۈشىدىغان بېسىممۇ ئېشىپ، كۆز ساغلاملىقىغا ئاسان زىيان يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل يۈرگەندە سىلكىنىدىغان بولغاچقا، كۆز بىلەن كىتاب ئارىسىدىكى ئارىلىقمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مۇقىم تۇرمايدۇ، بۇنداق چاغدا كىتابتىكى خەتلەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن فوكۇس ئارىلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، نەتىجىدە كۆرۈش نېرۋىلىرى ئاسان چارچاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    2.كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك. كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا كىتاب كۆرگەندە، قۇياش نۇرى كۆزگە بىۋاسىتە چۈشۈپ،كۆزنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە كۆز ساغلاملىقىغا زىيانلىق.

    3. يېتىپ كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك. يېتىپ كىتاب كۆرۈش گەرچە بىر ئاز راھەتتەك بىلىنسىمۇ، كۆز ئاسانلا ھېرىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم ياتقاندا مۇسكۇللار بوشىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتى پەيدىنپەي تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىمۇ پەيدىنپەي تورمۇزلىنىش ھالىتىگە كىرىدۇ، نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رىتىمىمۇ ئاستىلايدۇ. ئەگەر بۇنداق ھالەتتە كىتاب كۆرگەندە، چوڭ مېڭە ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدىكى ئاساسىي نېرۋىلارمۇ مۇناسىپ دەرىجىدە جانلىنىشقا باشلايدۇ، بۇ خىل غىدىقلىنىش ئادەم يېتىۋالغاندا ھاسىل بولغان تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك تورمۇزلىنىش ھالىتى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈپلا قالماي، نېرۋىلارنىڭ پائالىيىتىدە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ھالەت ئۇزاقراق داۋاملاشسا، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى كىشىلەردە يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىقتەك نېرۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    4. تاماق يېگەچ كىتاب كۆرمەسلىك كېرەك. تاماق يېگەن ۋاقىتتا ئورگانىزمدىكى قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئورۇنلارغا مەركەزلىشىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدىغان بولغاچقا، چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەش مۇناسىپ دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كىتاب كۆرگەندە، ئاسانلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىپ، ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    «خەلق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى